ۋوردپرەس

ۋوردپرەس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش

يېقىندا تورداشلار ۋوردپرەس توربىكتىنىڭ تورنامىنى ئۆزگەرمەكچى بولۇپ ماڭا ئۇچۇر قىلدى ، مەن ھازىر بۇ ھەقتە تەپسىلىي دەرىسلىك سۆزلىمەكچىمەن ، ئىھتىياجى بار دوسلارغا ياردىمى تىگىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئاپتوماتىك كوپىيە

بەزىدە بىز مۇلازىمىترمىزنىڭ ۋاقتى توشۇپ كىتىش سەۋەبلىك ۋە ياكى تورنام ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر ئوبدان كېتىپ بارغان توربەتنى توختىتىپ تۇرۇپ يىڭى مۇھىتقا يۆتكىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇمۇ خۇددى ئېجارە ئۆيدە ئولتۇرغاندەكلا ئىش .

بۇ جەرياندا بەزىلىرمىز پەقەت تورنامنىلا ئالماشتۇرۇشقا ئىھتىياجلىق ، يەنە بەزىلىرىمىز مۇلازىمىتېرنىمۇ ھەم تورنامنىمۇ ئالماشتۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز ، شۇڭا دەرسلىكنى ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلىمەكچىمەن .

مۇلازىمىتېر ئالماشتۇرۇش (ئۆي كۆچۈش)

كىتەرلىك ماتىرياللار : باۋتا + تورنام باشقۇرۇش سۇپىسى

ھازىر باۋتا مۇلازىمىتىر باشقۇرۇش دىتالىنىڭ ئىقتدارلىرىمۇ بارغانسىرى قىقاس بولۇپ كەتتى ، سىز باۋتا دىتالى ئىچىدىن – دىتاللار مەركىزى – باۋتا قىستۇرمىسى – باۋتا بىر كونۇپكىدا توربەت يۆتكەش قىستۇرمىسىنى (宝塔一键迁移API版本) ئىشلەتسەك سىزنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئاۋارچىلىقڭىزنى يوقىتىدۇ .

قىستۇرما ئاپتۇماتىك ھالدا سىز ئۇلىغان يەنە بىر باۋتا ئىچىگە ھازىرقى توربىكتىڭىزنىڭ بارىلىق ئەسلى كود ئۇچۇرلىرىنى ۋە ساندان ئۇچۇرلىرىنى ماس قەدەمدە يۆتكەپ بىرىدۇ ، ناھايىتى ئەپلىك ، بۇيرۇقنى بىرىپ قويۇپ بىر ئۇخلاپ قوپسىڭىز توربەت يۆتكېلىپمۇ بولىدۇ .

ئاپتوماتىك كوپىيە

مەزكۇر باۋتا قىستۇرمىسنى تەپسىلىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى باۋتا ئورگان تورىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز ، قىستۇرما ئىچىدمۇ دەرسلېكىنىڭ ئۇلانما كونۇپكىسى چىقىپ تۇرىدۇ ، بەك تەسمۇ ئەمەس .

يەنە بىر ئۇسۇل : سىز توربىكتىڭىز قاچىلانغان باش مۇندەرىجە ھۆججىتىنى پىرىسلاپ ئاندىن يەرلىككە چۈشىرىسىز ، ئاندىن قايتا يىڭى قاچلىماقچى بولغان باۋتا ئىچىگە پىرىسلانغان ھۆججەتنى چىقىرىپ يەشسىڭىزلا بولىدۇ .

سانداننىمۇ ئوخشاش زاپاسلاپ يەرلىككە چۈشىرىپ بوپ ، يىڭى باۋتادىكى قۇرۇق ساندانغا باستۇرۋەتسەكلا بولىدۇ .

ئۇنتۇپ قالماڭ : ئەلۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئاخىردا سىز تورنامىڭىز باشقۇرۇش سۇپىسغا چىقىپ ، تورنامىڭىز قارىتىلغان مۇلازىمىتېر IP ئادىرسنى يىڭى مۇلازىمىتىرنىڭكىگە ئالماشتۇرسىز .

ئاپتوماتىك كوپىيە

تورنام ئالماشتۇرۇش

ۋوردپرەس ئەسلى كودى ھۆجىتى + ساندانى

ۋوردپىرىسنىڭ تورنامىنى ئالماشتۇرغاندا پەقەت تەڭشەك ئىچىدىنلا ئالماشتۇرۇپ قالساق توربەت تەۋە تورناملا ئۆزگىردۇ لېكىن ساندان ئىچىدكى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىرلكتە ئۆزگەرمەيدۇ ، شۇڭا ئەڭ ئاۋال ساندان ئۇچۇرلىرى ئىچىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشمىز كېرەك .

ئەسكەرتىش : ساندان ئۇچۇرى ھەممدىن مۇھىم ، شۇڭا سانداننى توغرا تاللاپ ئىچىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ ! ھەر ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سانداننى يەرلكتە بىر قېتىم زاپاسلاپ چۈشۈرۋالغاندىن كېيىن ئاندىن مەشغۇلات قىلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

تۇنجى قەدەمدە ساندان ئۇچۇرلىرىنى بىر كۈنۇپكىدا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىنى بىرىمىز ، بۇنىڭدا بىزنىڭ توربىكتىمىزنىڭ تورنامى ، يازمىلارنىڭ تورنامى ۋە يازما ئىچىدكى رەسىم ۋە ئۇلانمىلارنىڭ مەڭگۈلۈك تورنامى بىراقلا ئۆزگىرىدۇ .

ساندانغا كىرگەندىن كېيىن بىز SQL  بۇيرۇق ئورنىنى ئاچىمىز ھەمدە تۆۋەندىكى بۇيرۇق كودىنى كىرگۈزۈپ ئىجىرا قىلىمىز .

ئاپتوماتىك كوپىيە

 

/*توربىكتىمىزنىڭ تورنامى ئادىرسنى ئۆزگەتتىش*/ UPDATE wp_options SET option_value = REPLACE(option_value, 'http://www.كونا.com', 'http://www.يىڭى.com') WHERE option_name = 'home' OR option_name = 'siteurl';   /*يازمىلار ئىچىدكى رەسىم ۋە ئۇلانمىلارنىڭ باش ئادىرىسى*/ UPDATE wp_posts SET post_content = REPLACE(post_content, 'http://www.كونا.com', 'http://www.يىڭى.com');    /*يازمىلارنىڭ سۈكۈتتىكى مەڭگۈلۈك ئادىرىسى*/ UPDATE wp_posts SET guid = REPLACE(guid, 'http://www.كونا.com', 'http://www.يىڭى.com');

 

بۇيرۇق كودلىرى توغرا ئىجىرا بولسا پۈتۈن بىكەتتىكى بارىلىق كونا تورنام ئادىرىسى يىڭى تورنام ئادىرىسقا ئۆزگىرىدۇ .

ئەگەر بۇيرۇق كودىدىمۇ خاتالىق يوق ھالەتتە ساندان بۇ بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلالمىغاندا ئۆزىمىز ئاستا بىر بىرلەپ ئۆزگەرتىمىز ~~

ئەمدە بۇ يۈزنەچچە پارچە يازمنى قاچان ئۆزگەتىپ بولامە دەپ قالماڭ ~~

ئەلۋەتتە بۇنىمۇ بىردەمدە ھەل قىلىمىز ~~

ئاۋال ساندان ئۇچۇرى ئىچىدىن wp-options بۆلېكىنى ئىزدەپ تاپىمىز ، بۇيەردە بىزنىڭ توربىكتىمىزنىڭ تورنام ئۇچۇرلىرى بار ، مۇشۇ يەردىكى ئىككى ئادىرىسنى يىڭى تورنامغا ئالماشتۇرۋەتسەكلا يىڭى تورنامى ئارقىلىق توربىكتىمىز ئارقا سۇپىسىغا كىرەلەيمىز .

ئاپتوماتىك كوپىيە

يىڭى تورنام ئارقىلىق توربەت ئارقا سۇپىسىغا كىرىمىز ، ئاندىن ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرى ئىچىدىن Velvet Blues Update URLsدىگەن قىستۇرمىنى ئىزدەپ تاپىمىز ھەمدە قاچىلاپ قوزغىتىمىز .

ئاپتوماتىك كوپىيە

ئاپتوماتىك كوپىيە

قىستۇرما تىلى ئېنگىلىسچە ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ ، بارىلىق تاللاشلارنى تاللاپ بۇيرۇقنى ماڭدۇرۋەتسەكلا بولىدۇ ، قىستۇرما ئاپتۇماتىك ھالدا ساندان ئىچىدكى بارىلىق كونا تورنام ئۇچۇرلىرىنى بىراقلا يڭى تورنامغا ئۆزگەرتىدۇ .


بىلوگېر تېخنىكا مۇنبىرىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى