ۋوردپرەس

يازما ئىچىگە كەسمە رەسىم چاپلاش قىستۇرمىسى

بەزىدە بىز يازما تەييارلىغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىكرانىدىكى كۆرۈنمە يۈزنى مىسال قىلىپ سۆزلەش ئۇدۇل كەلگەندە بىزگە كومپيۇتىرىمىزنىڭ كەسمە رەسىم (截图) ئىقتدارى بىزگە ناھايىتى قولايلىق ئىلىپ كىلىدۇ .

بىز سالون يازمىسى تەھرىرلىگەندە سالوندىكى تەھرىرلىگۈچ بىزنىڭ ئىكران يۈزىدىكى كەسمە رەسم ئۇچۇرلىرىنى يىشىپ ئۇقۇپ رەسىمنى بىۋاستە تەھرىرلىگۈچ يۈزىگە چىقىرالايدۇ ، بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى قولايلىق بولغان  بىر ئىقتدار .

لېكىن بىز ۋوردپىرىس يازمىسىنى تەھرىرلىگەندە ۋوردپىرىس تەھرىرلىگۈچ بىزنىڭ كەسمە رەسىم ئۇچۇرلىرىمىزنى يىشىپ ئالالمايدۇ ، شۇڭا بىز ئاۋال بىرتالدىن رەسىمنى كىسىپ يەرلىككە ساقلىۋلىپ ئاندىن بىردىن بىردىن ۋوردپىرىسكە چىقىرپ تەھرىرلىگۈچ ئىچىگە قويشىمىزغا يوغرا كىلىدۇ .

بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە ۋوردپىرىس كەسمە رەسىمنى تەھرىرلىگۈچكە ئەكىرىش قىستۇرمىسنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئۆزۈممۇ ئىشلەتكىنىمگە ئۇزۇن بولدى .

قىستۇرما ئىسمى — The Paste

ۋوردپىرىس قسىتۇرما بازىرى ئىچىدىن ئىسمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە ، باشقا ئارتۇقچە تەڭشەشلەر لازىم ئەمەس ~~

ئاپتوماتىك كوپىيە

قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئېكران يۈزىدە بىر قتىم رەسىم كېسىۋېلىپ ، ئاندىن مەزمۇن تەھرىرلەش رايونى ئىچدە چاپلىسڭىزلا رەسىم ھاسىل بولىدۇ ، ئەگەر كەسكەن رەسىمىڭىز بىر قەدەر چوڭ بولۇپ قالسا ، مۇلازىمېتىرىڭىزغا يوللىنىپ بولغىچە سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ~~

بىلوگېر تېخنىكا مۇنبىرىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى