تەبىئەت

بۇ يەردە سىزگە لۈكچەكلىك قىلىدىغىنى زوراۋانلار ئەمەس

ئاۋسترالىيەدە لۈكچەك ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ، ئاۋسترالىيە سېغىزخانى (قارا دۈمبىلىك سېغىزخان) دەل شۇ لۈكچەكلەرنىڭ لۈكچىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بۇ خىل ئالاھىدە لۈكچەكلەر تۈرىنىڭ ناھايتى ۋەھشىي قىلىقىلىرى بار، ئۇلار ھەممە يەرنى قاپلاپ، ئىنسانلارنى «ئۇرۇپ يۈرۈپ»، زېمىن «كېڭەيمىچىلىكى» قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلىنىپ قالغان.

图片

图片

ئەگەر مۇسكۇللۇق كېنگۇرۇنى ئۇ يەر بۇ يەردە ئۇچراپ قالىدىغان لۈكچەك ھېسابلىساق، ئۇنداقتا ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنى نەگە بارسا ئۇچرايدىغان لالما لۈكچەك ھېسابلىساق بولىدۇ. ئىشىكتىن چىقتىمۇ، بولدى، ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ كىشىلەرگە لۈكچەكلىك قىلغىنى قىلغان. ئەلۋەتتە كىشىلەرمۇ ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولغان بۇ لۈكچەكلەرگە ئامال قىلالماي، چىشىنى چىشلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى چوقۇۋېلىشىغا يول قويىدۇ.

图片

图片

سىز پەقەت ئاۋسترالىيەدىلا بۇنداق لۈكچەكلەرنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار 19-ئەسىردىن باشلاپ بۇ يەردە پەيدا بولغان بولۇپ، تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىمۇ پاك-پاكىز ئۇجۇقتۇرۇپ، يەرلىك لۈكچەكلەرنىڭ، دېڭىز لۈكچەكلىرىنىڭ، قۇرۇقلۇق لۈكچەكلىرىنىڭ ۋە بوشلۇقتىكى لۈكچەكلەرنىڭ غوجائاكىسى بولغان. ئىشقىلىپ ئۇ نەپىسى بولسىلا سورۇن تاللىماي لۈكچەكلىك قىلىۋېرىدۇ، مۇشۇنداق لۈكچەكلى سەۋەبىدىن ئۇ لۈكچەكلەرنىڭ لۈكچىكى سانىلىپ قالغان.

图片

كىمنىڭ مەن بىلەن قۇچاقلاشقۇسى بار؟

图片

يۈز نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئاۋسترالىيەلىك بۇ لۈكچەك ئىنسانلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ، باغچە، يايلاق، ئاھالىلەر قورۇسىنى ئىگىلەپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە خالىغانچە ھۇجۇم قىلدى.

图片

ئاۋسترالىيەنىڭ ئەتىياز پەسلى (10-ئايدىن 12-ئايغىچە) بۇ لۈكچەكلەرنىڭ كۆپىيىدىغان پەسلى، يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى پەسلىدۇر.

图片

图片

ئەركەك سېغىزخان بالىسىنى قوغداش ئۈچۈن تۇخۇم بېسىپ، زېرىكىپ قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندا ئۇۋىسىدىن يۈز مېتىر يىراقلاپ كەتمىگەن ئاساستا، شۇ دائىرىدە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، يولدىن ئۆتكەن ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە تاجاۋۇز قىلغۇچى، دەپ قاراپ چوقۇۋېرىدۇ.

سېغىزخاننىڭ سانى كۆپ، ھەرقانداق جايغا ئۇۋا سالىدۇ، دېمەك ئاۋسترالىيەلا بولسا ھەممە جاي سېغىزخاننىڭ لۈكچەكلىك قىلىش دائىرىسىدە دېگەن گەپ. ئەگەر سېغىزخان ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئادەم قاچتىمۇ، بولدى، سېغىزخان ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ بولسىمۇ زورلاپ چوقۇۋالىدۇ.

图片

图片

ئۇ مەخسۇس يۇمشاق نازۇك يېرىڭىزنىلا تاللايدۇ. كۆز، بويۇن، قۇلاق قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئەڭ مەززىلىك يېمەكلىكى.

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا باغچىدا چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بوۋاي جامېس گىلىندېمان (James Glindemann) ئۆزىنىڭ ئۇ لۈكچەكنىڭ چۈشلۈك تامىقىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئەمما ئۇ تۇيۇقسىز سېغىزخاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قاپىقىنى ئىششىتىپ يۈردى. سېغىزخان دېگەن لۈكچەك دەل ئۇنىڭ كۆزىنىلا چوقۇۋالغانىدى، لۈكچەك بولغاچقا ئۇ قىلىدىغىنىنى قىلىپ بوپلا قېچىپ كەتتى.

图片

بۇ جەنىفېر داي (Jennifer Dye)نىڭ كەچۈرمىشى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاشلا كۆزىنى ئۇ لۈكچەككە چوقتۇرۇۋالغان بۇ ئايال قولىدىكى بارلىق خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈنۈشكە مەجبۇر بولدى.

كۆرۈش تور پەردىسى يارىلانغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، مېلبۇرندا كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى.

ئەگەر بۇ لۈكچەكنىڭ ئادەم چوقۇلۇشى قانۇنغا خىلاپ بولغان بولسا، ئۇلار ئاللىقاچان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولاتتى.

图片

图片

گىپسلاند رايونىدىكى سېيل (Sale) مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، بىر ھەپتە ئىچىدە بەش يولۇچىنىڭ كۆزىنى لۈكچەكلەر چوقۇلاپ ئېغىر يارىلاندۇرغان.

图片

ئالدىنقى يىلدىكى ھاۋا ھۇجۇمى پەسلىدە، تۆت ياشلىق ئىندى (Indi) بىلەن بەش ياشلىق فىن (Finn) ئەما بولۇپ قالغىلى تاس قالدى. شۇنچىلىك سەبىي ئوماقلار ئۇ لۈكچەكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

بالىلارنىڭ چىرقىراپ، يۈگۈرۈپ ئوينىشى بۇ لۈكچەكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، شۇڭا بالىلار دائىم ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ لۈكچەكلىك قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ.

لېكىن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ھايۋانات مۇتەخەسسىسىگە بالىلىرىنىڭ شۇنداق نورمال كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بىكاردىنلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

图片

چوپچوڭ ئەرلەرمۇ بۇ لۈكچەكلەرنىڭ لۈكچەكلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بەزىدە دېلو يۈز بەرگەن جايغا كەلگەن مۇخبىرلارمۇ ئەكسىچە جەڭ مەيدانىغا تاياق يېگىلى كەلگەن بىچارىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ. جەڭ مەيدانىدىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ تاياق يېگىنىنى ئېكران ئالدىدىكى نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ.

图片

خامپتون باغچىسىغا كېلىپ ئەمدى گېپىنى باشلىماقچى بولۇپ تۇرغان كېلىشكەن مۇخبىر يىگىت مارك سانتومارتىنو (Mark Santomarttino) تويۇقسىزلا بۇ لۈكچەكنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇ لۈكچەكلېكىنى قىلىپ بولۇپلا كەتتى، ئەمما ماركنىڭ يۈزى قانغا بويالغانىدى.

بۇ لۈكچەكلەر قېرى-ياش دەپ ئايرىمايدۇ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىمۇ ئۆزىنى ھەرگىز دالدىغا ئالالمايدۇ، ئەمما بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلماي ئامال يوق.

图片

بۇ لۈكچەكلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى پەقەت يىل ئاخىرىدىلا ئېلىپ بېرىلمايدۇ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا بۇ لۈكچەكلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكى 6-ئايدا باشلىنىدۇ، سوغۇق تاغلىق رايونلاردا تاكى كېلەر يىلى 1-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ يېرىم يىلدەك داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

图片

كەسپىي تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 10-ئايغىچە، ئاۋسترالىيەدە بۇ لۈكچەكلەر جەمئىي 4272 قېتىم ئېغىر دەرىجىدە ھۇجۇم قوزغىغان، تېخى بۇ سانلىق مەلۇمات يەنىلا داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ.

شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئامالى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن.

图片

توپلىشىپ ياشايدىغان بۇ لۈكچەكلەر ئاسانلىقچە «ئۆي كۆچمەيدۇ»، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوخشاش بىر رايوندا نەچچە ئون يىل تۇرالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

图片

图片

«سېغىزخان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى»نى يازغان يازغۇچى دارىل جونېس (Darryl Jones) بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن:

«ناۋادا قايتۇرما زەربىگە ئۇچرىسا، ۋەقە سادىر قىلغان لۈكچەك ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر ھەسسىلەپ ئۆچ ئالىدۇ. سىز ئۇلارنى قورشاپ يوقاتماقچى ياكى يىراققا كۆچۈرۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا قايتىش يولىنى تاپالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز يەنە زوراۋانلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.»

图片

ئاۋسترالىيە سېغىزخانى رەزىل قولىنى يەنە يوشۇرۇن تاكتىكىلار ئارقىلىقمۇ كىشىلەرگە سۇنالايدۇ.

بۇ لۈكچەك تېخى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالاھىدە سايرىغۇچى قۇشلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇ 35 خىلدىن ئارتۇق ئاۋازنى دورىيالايدۇ، مۈشۈك، ئىت، ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭ چىرقىراشلىرىنى كارامەت دورىۋېتىدۇ.

图片

بۇ دۈشمەننى ئالداش تاكتىكىسى بولۇپ، مەخسۇس ساددا كىشىلەرنى ئەخمەق قىلىدۇ.

سىز سىرتتا مۈشۈك بار دەپ ئويلاپ تېشىغا چىقتىڭىز، قارىسىڭىز يوغان سېغىزخان سىزگە قاراپ تۇرغان. مۇشۇنداق گەپ، سىز بەزىدە مۇشۇنداق ئالدىنىپ، بىكاردىنلا بوزەك بولۇۋالىسىز.

图片

图片

چىشىغا تېگىشنى قويۇپ، ئاستا ئۆزىمىزنى دالدىغا ئېلىشىمىز كېرەك.

باشقىلارنىڭ چىشىغا تەگكەندىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغان تۈزۈك، شۇڭا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر يەنىلا مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى تاللىدى. ئۇلار ئۆزى ياسىۋالغان قالپاقنى كىيىپ، بېشىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇلارنىڭ قالپىقى ئەلۋەتتە ئادەتتىكى قالپاق ئەمەس.

图片

موتوسىكلىت قالپىقىنى ئاۋسترالىيە سېغىزخانى بىرەر نەرسىنىڭ تۇخۇمى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىمۇ، ئەيتاۋۇر، ئىشقىلىپ ئۇ موتوسىكلىتچىنىڭ كاللىسى بىلەن ئاخىرىغىچە جەڭ قىلدى.

ئەگەر كاللىڭىزنى مۇشۇنىڭدەك ياخشى ئورۇيالىسىڭىزغۇ، ئۇنىڭ ھۇجۇمىدىن خېلى ساقلانغىلى بولىدۇ، ئەمما سۈپەتسىزرەك قالپاق كىيىۋالماڭ، بولمىسا ئۇ ئىككىنى چوقۇپلا كاللىڭىزنى يالىڭاچلاپ قويىدۇ.

图片

ئەگەر مۇنداق ئانتېنناسى بار قالپاق كىيىۋالسىڭىز، ئۇلار سىزگە يېقىنلىشالماي، ئامالسىز سىزگە لۈكچەكلىك قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ.

بۇ قالپاقنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى، دېمەك ئاۋسترالىيە سېغىزخانى قانچىلىك لۈكچەك بولسۇن، ھامان ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. ئەقىل-پاراسەت مەڭگۈ لۈكچەكلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ!

图片

图片

ئەگەر سىز ئاۋسترالىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز، «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دەپ ئۆزىڭىزنى ئوبدان قوغداڭ، بولمىسا يەرلىك لۈكچەك ئاۋسترالىيە سېغىزخانىنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قالىسىز.

图片

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى