ساغلاملىق

HIV قانداق قىلىپ دورىغا چىدامچانلىق پەيدا قىلىدۇ؟

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دورىغا چىدامچانلىق، ئۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

图片

ھازىر دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىمارنىڭ بېقىندىلىقى ياخشى بولماسلىق. شۇڭا، مەيلى دوختۇر بولسۇن ياكى پىدائىي خادىملار بولسۇن، ھەممىسى HIV يۇقۇملانغۇچىغا قايتا-قايتا تەكىتلەيدىغىنى، چوقۇم ياخشى دورا ئىچىش، ھەر كۈنى ۋاقتىدا دورا ئىچىش، دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كۆپۈنچە كىشىلەر دورىغا چىدامچانلىقنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە، بەزى گۇمانلار ۋە ئەندىشىلەر مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن، بىز HIVنىڭ قانداق قىلىپ دورىغا چىدامچانلىق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ باقايلى؟
HIVنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن، مەلۇم دورىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولغان ھامان دورىنىڭ داۋالاش رولى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ۋىرۇسنىڭ يوقىلىشى ۋە تارقىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

图片

HIVنىڭ دورىغا چىداملىقلىقى يەنە بىرلەمچى دورىغا چىدامچانلىق ۋە ئىككىلەمچى دورىغا چىدامچانلىق دەپ ئايرىلىدۇ.
بىرلەمچى دورىغا چىدامچانلىق دېگىنىمىز، HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىروسنىڭ ۋىروسقا قارشى دورا ئارقىلىق داۋالاشتىن بۇرۇن دورىغا چىدامچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلەمچى دورىغا چىدامچانلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا، كۆپىنچە HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەسلىدىنلا دورىغا چىداشلىق زەھەرلىك تۈپ بىلەن يۇقۇملانغان. شۇڭا، بۇ «دورىغا چىدامچانلىق تارقىتىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئىككىلەمچى دورىغا چىدامچانلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش جەريانىدا، HIV ۋىرۇسى دورىغا چىدامچانلىقنى پەيدا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
مۇمكىن بولىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

دورىنى ئۈزۈپ قويۇش، خاتا ئىچىش، تۇلۇق ئىچمەسلىك ۋە كېچىكتۈرۈپ ئىچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقى بەك تۆۋەن بولۇش؛
باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقى ئۈچ سەۋەب ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

图片

نېمە ئۈچۈن دورىغا چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
HIV ئۆزى بىر خىل تەتۈر ئۇلاپ كۆچۈرۈلگەن ۋىرۇس، بۇ خىل ۋىرۇس ئۆزىنى نۇسخىلاش جەريانىدا ناھايىتى ئاسانلا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. گەرچە ئۆزگىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىختىيارىي بولسىمۇ، دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.
ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە كۆپ مىقداردا نوسخىلاپ كۆپەيتىشتە، گەرچە دورىغا چىداملىق بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، بىراق سانى كۆپ بولغاچقا HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاز بىر قىسمى دورىغا چىداملىق ۋىرۇس شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن.
دورىغا چىدامچانلىقنى قانداق تۆۋەنلىتىش كېرەك؟
1. ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالاشنى بالدۇرراق قوبۇل قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىپ، دورىغا چىدامچانلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندىن كېيىن دورىغا چىدامچانلىق مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك.
2. يۇقۇملانغۇچى دورا ئىچىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بېقىندىلىق نىسبىتى%90 -%100 كە يېتىش ۋىرۇسنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى. دورىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىش، ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، چالا ئىچمەسلىك، دورىنى كېچىكتۈرۈپ ئىچمەسلىك، چاي بىلەن دورا ئىچمەسلىك، باشقا دورىلارنى ئىچىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
3. دورىغا چىداملىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، بالدۇرراق دورا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ۋىروس مىقدارى تەتۈر سەكرىگەن ئەھۋالدا، ئەسلىدىكى داۋالاش دورىسىنى ئۆزگەرتمىگەندە، دورىغا چىدامچانلىق خەۋپى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قايتا ئۆرلىگەندە، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، يېڭى بىرلەشمە لايىھەنى قوللىنىپ داۋالاشنى ئويلىشىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى