ساغلاملىق

بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ!

بېيجىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى: بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ!

ئەيدىز كېسىلى ئىنسانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئېنىق بولدى، تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى.

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى: نۆۋەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى تاللاپ ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ

بىرىنچى قان تەكشۈرۈش

قان تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ھالىتىنى ئەڭ بۇرۇن باھالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ئاددىي، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى، نەتىجىسى تېز چىقىدۇ. خەتەرلىك مەزگىلدە بىر قەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان تەكشۈرتۈش تەكلىپىنى بېرىمىز.

ئىككىنچى، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنى تەكشۈرۈش

ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقنى تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېز سۈرەتتە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئەۋرىشكە ئېلىشتا قاناش خاراكتېرلىك جاراھەت يوق، 20 ـ 45 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن كەمچىلىكى شۇكى، ئەگەر ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلار)نىڭ قالدۇقلىرى بولسا ياكى مەشغۇلات خاتالىقى بولسا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ.

شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كومىتېتى تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ كەسپىي ئاپپاراتلارغا بېرىپ، كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە تەكشۈرۈشنى تاماملىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، سۈيدۈك تەكشۈرۈش

سۈيدۈك تەكشۈرۈش، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كەڭ قولىنىۋاتقان يېڭى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئىككى خىل تۈرى بار:

بىرى، ئالاقە تورى + سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى يەتكۈزۈپ تەكشۈرۈش، يەنە بىرى سۈيدۈكتىكى ئەيدىز كېسىلى ئانتىتېلاسىنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش.

ئالاقە تورى ئارقىلىق سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى يەتكۈزۈپ تەكشۈرۈش: بۇ خىل تەكشۈرۈش ئەندىزىسىدە تەكشۈرۈلگۈچى كومپيوتېر، يان تېلېفون ياكى بەزى سورۇنلاردا، مەسىلەن، دورىخانا، ئالىي مەكتەپ قورۇسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش سومكىسى سېتىۋالىدۇ. سۈيدۈك يىغىشنى تاماملاپ، ئاندىن تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە تەجرىبىخانىغا ئەۋەتىپ، پۈتۈشكەن ۋاقىتتا تورغا چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بۇ خىل تەكشۈرۈش تېز سۈرەتتە نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، لېكىن شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش، ئەۋرىشكە ئېلىش بىخەتەرلىكى ۋە كەسپىي تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق نەزەردە تۇتقانلىقتىن ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەسلىھەت بېرەلەيدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن.

سۈيدۈكتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تېز سۈرەتتە تەكشۈرۈش: سۈيدۈكتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تېز سۈرەتتە تەكشۈرۈش رېئاكتىپنى تەكشۈرۈلگۈچى ئۆزى سۈيدۈك يىغىپ، چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن پۈتكۈل تەكشۈرۈش جەريانىنى تاماملايدۇ، ئەۋرىشكە ئېلىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

سۈيدۈك ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى:

بىرىنچى قەدەم: سۈيدۈك يىغىپ سۈيدۈك ئىستاكانىدا تەكشۈرۈشنى كۈتۈش

ئىككىنچى قەدەم: تەكشۈرۈش كارتىسىنى چىقىرىش.

ئۈچىنچى قەدەم: بىر قېتىملىق سولياۋ تېمىتىش نەيچىسى بىلەن سۈيدۈكنى سۈمۈرتۈپ، ئاستا ـ ئاستا ئۈچ تېمىم تېمىتىپ ئەۋرىشكە ئېلىش تۆشۈكىگە تېمىتىش.

تۆتىنچى قەدەم: 15 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن نەتىجىسىنى كۆزىتىش، 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە رەڭ كۆرسىتىش نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ كونترول قىلىش مەركىزى كۆپچىلىكنى ئەگەر مۇسبەت نەتىجىگە ئېرىشسە، ئاۋۋال ساراسىمىگە چۈشمەي، ۋاقتىدا شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ كونترول قىلىش مەركىزى ياكى ئەيدىز كېسىلىنى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەمدە تەكشۈرتكەندىن كېيىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشقا ئەسكەرتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش