تور ھۈنەر

Chrome / Edge توركۆرگۈ چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى 20 ھەسسە تېزلىتىش چارىسى!

 توركۆرگۈ چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى 20 ھەسسە تېزلىتىش چارىسى! Chrome / Edge نىڭ «يوشۇرۇن»غان كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقسىز ئېچىش

    چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ، كۆپچىلىك IDM غا ئوخشاش كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ . توركۆرگۈچنىڭ تاق يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە سېلىشتۇرغاندا ، ئۇلار چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى بىر نەچچە ھەسسە ئاشۇرالايدۇ.

    ئەمما ، ئۈچىنچى تەرەپ چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى ئورنىتىش قولايسىز ھەمدە چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ، بىز توركۆرگۈچنىڭ تاشپاقىلارچە سۈرئىتىگە قاراپ ئولتۇرساق بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەر Chrome ۋە Edge توركۆرگۈلىرىنىڭ  چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ « كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈشنى قوللاش » تۈرىنىڭ «يوشۇرۇن» غانلىقىنى بىلمەيدۇ ،چۈنىكى ئۇ سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئېتىلگەن بولىدۇ. بىز ئۇنى ئاچساقلا ، بىز ھەيران قالارلىق كۆپ يۈنلىشلىك تېزلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز ……

      IDM ۋە گۈلدۈرماما(迅雷) قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ چۈشۈرۈش قوراللىرىنى چۇشۇرۇپ قاچىلاشقا سېلىشتۇرغاندا ، بىز «توركۆرگۈچنىڭ يوشۇرۇن تاللانمىلىرىنى ئېچىش» ئارقىلىق  Google Chrome ، Microsoft Edge ۋە باشقا خىروم مېغىزى(Chromium 内核) ئاساسىدىكى توركۆرگۈچلەرنىڭ  «كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش » ئىقتىدارىنى ئېچىش ئارقىلىق ھۆججەت چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.

      توركۆرگۈچنىڭ كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئېچىش:
      ئۇنداقتا Chrome غا ئوخشاش توركۆرگۈچلەرنىڭ كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش تاللانمىسىنى قانداق ئاچقىلى بولىدۇ ؟ ئۇنى بىۋاسىتە تەڭشەك يۈزىدىن تاپالمايمىز ، چۈنكى ئۇ يوشۇرۇن. بىز ئادرېس ستونىغا «يوشۇرۇن تەڭشەك» بېتى ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى ئاچىمىز:

Chrome توركۆرگۈ:
ئادرېس ستونىغا تۆۋەندىكى ئادرېسنى كىرگۈزۇپ Enter نى بېسىڭ:
chrome://flags/#enable-parallel-downloading

Edge يېڭى توركۆرگۈ (خىروم مېغىزى):
ئادرېس ستونىغا تۆۋەندىكى ئادرېسنى كىرگۈزۇپ Enter نى بېسىڭ:
edge://flags/#enable-parallel-downloading

ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەكنى كۆرەلەيسىز ، پەقەت سۈكۈتتىكى Defaultھالەتنى  Enabled! غا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، Relaunch نى چېكىپ، توركۆرگۈڭىزنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ، كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش تاللانمىلىرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ ، ئاندىن بىرەر تال ھۆججەت چۇشۇرۇپ، چۇشۇرۇش سۈرئىتىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئاپتوماتىك كوپىيە

ئەمەلىيەتتە ، چۈشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ سۈرئىتى يېتەرلىك تېز بولسا ، كۆپ يۈنلىشلىك چۇشۇرۇش تاللانمىسى قوزغىتىلغاندىن كېيىن ،  بىۋاسىتە Chrome نى ئىشلىتىپ ئەڭ يوقىرى سۈرئەتتە چۇشۇرۇش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ، Edge نىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولۇپ ، سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تىزلىشىدۇ.

كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش(多线程下载) دېگەن نېمە؟
ئەگەر ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشنى مال توشۇشقا ئوخشاتساق ، ئەنئەنىۋى توركۆرگۈچ يەككە يۈنلىشلىك چۈشۈرۈشىنى پەقەت بىرلا يۈك ماشىنىسى بىلەن مال  توشۇشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ توشۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. ئەگەر مال بەك كۆپ بولسا ، ئۇنى ئاستا-ئاستا  توشۇشقا بولىدۇ. كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش تېخنىكىسىدا مالنى بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۇپ ، ئاندىن 10 يۈك ماشىنىسى (10 يۈنلىش)نى ئىشلىتىپ بىرلا ۋاقىتتا توشۇشقا ئوخشاتساق بولىدۇ. شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئەگەر بىر يۈنلىشلىك چۇشۇرۇشتە سۈرئەت 1MB / s بولسا ، 10 يۈنلىشلىك چۇشۇرۇشتە 10 ھەسسە، يەنى  10MB / s غا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

خۇلاسە:
بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى ، قوشۇمچە ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى ، كېڭەيتىلمە ياكى قىستۇرما دېتاللارنى ئورنىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . سىز پەقەت بىر چېكىش ئارقىلىق تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىشىڭىزلا،  Chrome ۋە Edge نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى ئاشۇرالايسىز. توركۆرگۈ ھەقسىز .

ئەلۋەتتە ،، كۆپ يۈنلىشلىك چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئاخىرىدا مۇلازىمېتىر سۈرئەت چەكلىمىسى ، تور كەڭلىكى ، چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە باشقا ئامىللار بىلەن چەكلىنىدۇ.  تەڭشەپلا تېزلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشىش ناتايىن. ئەمما شارائىت يار بەرسىلا ، يەنىلا «تولۇق سۈرئەتتە چۈشۈرەلەيسىز». قىسقىسى ، بۇ تەڭشەك ئىنتايىن ئاددىي ، ئەمما چۈشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى