ساغلاملىق

ياشانغانلار ۋە ئەيدىز كېسىلى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ياشانغانلارنىڭ جىنسىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە چوڭلار 60 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن نەۋرە باقىدۇ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈتىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەت بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ، كۆپچىلىك ياشانغانلارنى جىنسىيەتكە ئېھتىياجلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى ئارزۇ-ھەۋەس ھەرگىزمۇ جىنسىي ئەزانىڭ قېرىشى سەۋەبلىك سۇسلاپ قالمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ياشانغانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىغا بولغان خاتا قارىشى تۈپەيلى، ياشانغانلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە %70كە يېقىن 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلەيدىكەن، 70 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئىچىدە تەخمىنەن %37ىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بولىدىكەن. جىنسىيەت ئالىمى ئالفېرد كىنسېينىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا %94 ئەرلەر ۋە %84 ئاياللار 60 ياشتىن كېيىنمۇ جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىكەن.

ياشانغانلار بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراپ قوغدىنىشسىز خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدۇ، شۇڭا ياشانغانلاردىكى جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2014-يىلى پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 35 مىليون 300 مىڭ ئەيدىز بىمارى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغان بىمار تۆت مىليون 200 مىڭ ئىكەن.

ئەڭ يېڭى دوكلاتتىكى ياشانغانلار ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانىنىڭ ئېشىشى ناھايىتى روشەن. ياشانغانلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇسى ئەزەلدىن يوقالغىنى يوق، بەلكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەنھالىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش ئۇلارنى بېسىم ۋە تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ. چۈنكى ياشانغانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى كارىۋات ئۈستىدىكىلا ئەمەس، بۇ روھىي جەھەتتىكى ئىللىقلىق، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتتىن ئىبارەت.

83 ياشلىق جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئايالى 23 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قايتا توي قىلمىغان. بالىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بار، ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتا بىر كۆرۈشىدۇ. جاڭ ئەپەندى ئۆزىنى دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىدۇ. يالغۇز 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ھەقلىق مۇلازىمەتنى سىناپ باقىدۇ، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان ئىدى.

ئەيدىز كېسىلى تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بىر خىل ياشلارلا گىرىپتار بولغان كېسەل، ياشانغانلار بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قارايدۇ. ياشلارنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تۇرمۇشى مول ھەم رەڭگارەڭ، بۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بىراق ياشانغانلار ئاللىقاچان تەقدىرگە تەن بېرىدىغان ياشقا كىرىپ قالغان تۇرسا قانداقمۇ ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولسۇن؟ ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى بارا-بارا قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

دۆلىتىمىزدە نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە قېرىلىشىشى ۋە ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياشانغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە مېخانىزمى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغىمۇ پايدىلىق. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلاردىكى ئەيدىز كېسەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە ياشانغان ئەيدىز بىمارلىرىمۇ ئاخىرقى ئۆمرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى