تەرمىلەر

ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئىشلار توغرىسىدا ئېغىر چۈشەنچە

ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلىغان: «يىگىت قېرىسا قىز ئالۇر، قىز قېرىسا كىم ئالۇر». بۇ سۆز گەرچە مەسخىرە خاراكتېرىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يان تەرەپتىن مۇنداق بىر رەھىمسىز پاكىتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ: يەنى ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا تېز قېرىيدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

قىز نۇرداشلار بۇ گەپنى كۆرگەندە كۆزۈڭلارنى ئالايتىپ كەتمەڭلار، چۈنكى ئۆمۈرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىلەر يەنىلار يەڭگۈچى، چۈنكى ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.

ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىچىگە زادى قانداق مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغاندۇ؟ تۆۋەندە تەھرىر سىلەرگە بۇنىڭ سىرىنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ بېرەي:

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

1. ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئەرلەردىن تېز قېرىيدۇ؟

بىز دائىم نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارنى كۆرىمىز، ياش ۋاقتىدا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ماسلاشقان. بىراق ياشانغاندىن كېيىن، ئەرلەر يەنىلا ياش، ئەمما ئايالى بارغانسېرى ئۇنىڭ ئانىسىدەك بولۇپ قالغان.

چاچلىرىمىز ئاقارغۇچە بىللە بولىمىز دېيىشكەن، ئەجىبا ئەر كىشى ئوغرىلىقچە چاچ بويىغانمىدۇ؟ ؟ ؟

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ چاچ بوياشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە كۆرۈلىدۇ:

(1) كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ خوراپ كېتىشى ئاساسلىق سەۋەب

كوللاگېن ئاقسىلى ئادەم بەدىنىدىكى ھەقىقىي تېرە قاتلىمىدا مەۋجۇت بولۇپ، تېرە تەركىبىنىڭ تەخمىنەن %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى تېرىنىڭ تويۇنۇشى ۋە مۇسكۇلنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.

لېكىن تېرىنىڭ تەبىئىي قېرىشى ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئەگىشىپ، كوللاگېن ئاقسىلى تەدرىجىي يوقايدۇ، بۇمۇ تېرىمىزنىڭ بوشىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبتۇر.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ تېرىسى ئوخشاشلا گۇناھكار ئىكەن، ئۇنداقتا ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئەرلەردىن بەكرەك قېرىيدۇ؟

جاۋابى شۇكى، ئەرلەر تۇغما يۈزى قېلىن!

ئېپىدېرما قەۋىتى ۋە ھەقىقىي تېرە قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ «يۈز تېرىسى» قىزلارنىڭكىدىن 1.5 ھەسسە ئەتراپىدا قېلىن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېلىن قىسمىدا مول كوللاگېن ئاقسىلى بولىدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئەرلەرنىڭ تېرىسىدىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زىچلىقىمۇ قىزلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، كېيىنكى مەزگىللەردىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ ئېقىپ كېتىش سۈرئىتىدە ئەرلەر ئاستا تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرسا، ئاياللار تىك قىيادىن سەكرىگەندىكىدەك تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قېرىيدۇ.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەر «تۇغما گۈزەل» بولىدۇ. (شۇڭا گىرىم بىھاجەت)

شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇللار بىلەن ئۇرۇشقاندا، ئۇنى يۈزى قېلىن دەپ تىللىماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ ياخشىلىقىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدىكى ماختاشتۇر.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئاياللارنىڭ قارىماققا ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قېرىيدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار. ئۇ بولسىمۇ ئايال كىشىنىڭ چوڭ ھاممىسى (چۈشەندىڭىز ھە) ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىدۇ. ھەر قېتىم كەلگەندە كوللاگېن ئاقسىلى ئارقىلىق قان توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

تۇغۇت ياكى بويىدىن ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن، كوللاگېن ئاقسىلى ئارقىلىق توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئاياللار سەرپ قىلىدىغان كوللاگېن ئاقسىلى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئاسانلا قېرىپ كېتىدۇ.

(2) ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئازىيىشى قېرىشنى تېزلىتىدۇ

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئانىلىق ھورمون ئاياللارنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىككىلەمچى جىنسىي ئالاھىدىلېكىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ھورمونلارنىڭ بىرى. ئۇ ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ يۇمشاق ۋە ئېلاستىك بولۇشىنى ساقلايدۇ ھەمدە تېرىنىڭ نەملېكىنى ئاشۇرىدۇ.

ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، 30 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن يىلمۇيىل تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، بولۇپمۇ ھەيىز توختىغاندىن كېيىن تۇخۇمدان ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىشنى توختىتىدۇ. تېرە بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، بارا-بارا قورۇلۇپ قالىدۇ، قېرىيدۇ، ئېلاستىكلىقى يوقايدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئەرلەرگە كەلسەك، گەرچە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەرلىك ھورمۇنى ئازىيىپ كەتسىمۇ، بۇ ئاساسلىقى جىنسىي ھەۋىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تېرىنىڭ قېرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قىزلارنىڭكىدەك چوڭ بولمايدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

(3) خاراكتېر پەرقى

ئادەتتە ئەرلەر ئەقلىيلىككە مايىل، ئاياللار بولسا ھېسسىياتقا مايىل بولىدۇ. ئاياللار كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچراپ، چىراي ئىپادىسى سىزىقچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قېرىيدۇ.

بىراق يەنە بىر مۇستەسنالىقمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئەنگىلىيەلىك بىر ئايال. ئۇ يۈزىگە قورۇق چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن، 10 ياشتىن باشلاپلا كۈلۈشنى رەت قىلغان، ھازىر ئۇنىڭ كۈلمىگىنىگە 40 يىلدىن ئاشقان. ئۇ كۈلكىنى رەت قىلىشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى، ھەرخىل قىممەت باھادىكى يۈز ئاسراش مايلىرىدىن كۆپ ئەرزان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۆۋەندىكى بۇ نەتىجىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ:

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قېرىيدۇ دېيىلسىمۇ، لېكىن ئۆمۈر جەھەتتە ئاياللار ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ.

2. ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ؟

«2019-يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ئۆمۈر مۆلچەرى 74.2 ياش، ئەرلەرنىڭ 69.8 ياش بولغان. جۇڭگودىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 77.6 ياش، ئەرلەرنىڭ 74.6 ياش.

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ؟ ئەجەبا ئەرلەرنىڭ بەزى خىزمىتى ياماراجاغا يېقىن بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

بۇ ئەلۋەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقا بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ھەقىقىي سەۋەب مۇنداق:

(1) ئاياللار بىئولوگىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە

ھەربىر ئادەمنىڭ 23 جۈپ خىروموسومى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر جۈپ خىروموسومىنىڭ جىنس بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئاياللارنىڭ XX، ئەرلەرنىڭ XY بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئىككى تال X خىروموسومىسى بولىدۇ، بۇ يۇقىرىدىكى ھەر بىر گېننىڭ زاپاسلانغانلىقىدىن، بىرى بۇزۇلسا يەنە بىرى ئورنىنى ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر پەقەت بىرلا تال X خىروموسوما بولسا، ئۇنداقتا گېن بۇزۇلسا بىراقلا بۇزۇلىدۇ، ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەرلەرنىڭ ھۈجەيرىسىدە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

(2) جىنسىي ھورمۇن «ئىچىدىن توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ»

تېستوستېرون ئاساسلىق ئەرلىك ھورمۇن بولۇپ، ئۇ جىنسىي ئەزالارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىنسىي ھەۋىسىنى ساقلايدۇ، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېستوستېروننىڭ قويۇقلۇقى يىلمۇيىل تۆۋەنلەپ، قان تومۇرنىڭ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك تۆۋەنلىشى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئۆمرىمۇ تەبىئىي ھالدا تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئەسلىدىنلا ئاياللارنى كۈچلۈك ئىممۇنىتېتلىق قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنى ئاستىلىتىپ، قاندىكى ماي مېتابولىزمىنى تەڭشەيدۇ، شۇڭا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تېپىش ناھايىتى تەس.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

3. ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

قىزلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوغۇللارنىڭ ناچار ئادىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، تۈنەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇللارنىڭ ئۆمرىنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا نەپىس بىر مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، خۇشچىراي قىز بولۇش ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىش.

بۇنى كۆرۈپ بەزى دوستلار بەلكىم: ئۆمۈر دېگەن بۇ نەرسە تەبىئىي شارائىتنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدىكەن، ئۇنداقتا قېرىشنى تىزگىنلىگىلى بولامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە بولىدۇ!

3. قېرىشنى كېچىكتۈرمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

(1) قەنتنى كونترول قىلىش

بىز قەنتنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، كوللاگېن ئاقسىلى قەنتنىڭ تەسىرىدە كاتالىزلىنىپ، ئاسانلا ئۈزۈلۈپ كېتىپ تېرىنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەنت ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرمەكچى بولساق بىرىنچىدىن، قەنتنى كونترول قىلىشىمىز، ھەتتا قەنتنى چەكلىشىمىز كېرەك.

(2) ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش

ئادەم بەدىنى ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئوكسىدلانغان ئەركىن رادىكاللارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئەركىن رادىكاللار زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە ئورگانىزمنى زەخىملەندۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، قېرىشنى تېزلىتىدۇ.

ياخشى يېرى، بىز تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

رەڭگى ئوچۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. مەسىلەن، پەمىدۇر تەركىبىدە پەمىدۇر قىزىل ماددىسى مول بولۇپ، ئۇ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدۇ؛

تەمى ئاچچىق مېۋە-چېۋە يېيىش. مەسىلەن، چېچەكسەي، كىچىك قىزىل تۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە قىچا مېيى گلۇكوزىدى بار بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى تەبئىي ھالدا ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما چېچەكسەي ھەر كۈنى يېرىم كىلوگرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىنسا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

(3) ئاپتاپتىن ساقلىنىش

ئۇلترا بىنەپشە نۇر دولقۇن بۆلىكىدە، UVA بىلەن UVB دا بىر قەدەر كۈچلۈك قارىلىشىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە UVB دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، تېشىپ ئۆتۈش چوڭقۇرلۇقى تېيىزراق بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا تېرىنى ئاپتاپ تەسىرىدىن قىزارتىدۇ ياكى ئاپتاپتا زەخمىلەندۈرىدۇ. لېكىن UVA ناھايىتى كۈچلۈك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تېرىنىڭ ھەقىقىي تېرە قەۋىتىگە بىۋاسىتە يېتىپ بېرىپ، ئېلاستىك تالا ۋە كوللاگېن ئاقسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا، تېرىنىڭ ياش ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى تاللىغاندا، UVB ئاپتاپتىن ساقلىنىش كوئېففىتسېنتىنى تەكشۈرۈپلا قالماي، يەنە UVA نىڭ دەرىجىسىنىمۇ تەكشۈرۈش كېرەك. دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا ياكى يۇلتۇز دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، تېرىڭىزنى شۇنچە زور دەرىجىدە قوغدايدۇ.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

(4) ھەرىكەت

ھەرىكەت ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرۇش رولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزم ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

باشقىسىنى دېمەي تۇرايلى، بىزنىڭ جۇڭ ئاقساقالنىڭ 84 ياشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ باقساقلا بىلىمىز. جۇڭ ئاقساقال مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى «قېرىمايدىغان ھايات» (不老人生)تا، ئۆزىنىڭ ھەر ھەپتىدە ئىككى، ئۈچ قېتىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتىنىڭ 40-50 مىنۇتقىچە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاستا يۈگۈرۈش، يالاڭ تورنىك قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

شۇڭا قېرىشنى كېچىكتۈرمەكچى بولغان دوستلار ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك، قورساققىلا تايانسا بولمايدۇ.

شۇنچە كۆپ گەپ قىلىپ، كۆپچىلىككە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمەپتىمەن، يەنى ھەر ۋاقىت نەپەس ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

å…³äºŽç”·å¥³ä¹‹é—´çš„é‚£ç‚¹äº‹ï¼Œä»Šå¤©ä¸€æ¬¡ç»™ä½ è¯´æ˜Žç™½

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش