ساغلاملىق

HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرامدۇ؟

بىر دوستۇم HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرىنى ئىچمىسە بولمايتتى، شۇ تاپتا ئۇ غەمكىن ھالدا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇراتتى:
– ماڭا تەس بولدى …… مەن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئاران تەستە تاپقاندا، نېمىشقا ئۇ جەھەتتە ھەمىشە ئىپادەم ياخشى بولمايدۇ؟
– سەن ھازىر ئىستېمال قىلىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئىچىدە، لوپى ۋېيلى ناۋېي تابلىتى (洛匹那韦利托那韦片) بارمۇ؟- دەپ سورىدىم.
– بار، نېمە بولدى؟ – دېدى ئۇ.
– سەن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ باققىن، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ تەسىرى بۇ خىل دورا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ.
ئەگەر مۇناسىۋەتلىك بولسا، دوختۇر بىلەن دورا ئالماشتۇرۇش لايىھەسىنى مەسلىھەتلىشىپ باقساڭ بولىدۇ،- دەپ مەسلىھەت بەردىم.

ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كېلىجى (克立芝) ئەرلەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. (يەنى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق)

HIV ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن:
1. ياغ ماددىسى سەۋىيىسى نورمالسىز بولۇش
قاندىكى ياغ ماددىسى خولېستېرىن ۋە ترىگلىتسېرىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ياغ ماددىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بەدەندىكى قاندا ئايلىنىش مەسىلىسى كۆرۈلگەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ، ياغ ماددىسىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى قاننىڭ جىنسىي ئەزا ئىچىدە ئېقىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش
ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇقىرى قان بېسىم قان تومۇر ۋە ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
3. ئايلىنىش مەسىلىسى
ياخشى بولغان قان ئايلىنىش قايىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى.
4. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار

بىرىكمە ستېروئىد(合成类固醇)، تەشۋىشلىنىشكە قارشى بەزى دورىلار، خامۇشلۇققا قارشى بەزى دورىلار، كىسلاتاغا قارشى بەزىبىر دورىلار، تۇتقاقلىق كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان دورا، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى، كالتسىي يولىنى توسقۇچى دورا، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار ( تېئازىد ۋە سپىرولاكتون 噻嗪类和螺内酯)، قايتۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار مەسىلەن: ئىسپىرت، كوكائىن، نەشە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5. پىسخىك ئامىل
جىددىيلىشىش، بېسىم، خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئەر ـ خوتۇننىڭ ھېسسىياتتا ئىناق بولماسلىق قاتارلىق روھىي پىسخىكىلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەرلەردىكى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبىمۇ يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ دائىرىسىدە بولىدۇ.

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى:
1. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، مەسىلەن: نۇكلېئوزىد (核苷类) تۈرىدىكى تەتۈر كۆچۈرۈش ئېنزىمىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار ۋە ئاقسىل ئېنزىمىنى تىزگىنلىگۈچى دورىلار. مەسىلەن: يىدى ناۋېي (茚地那韦)، كېلىجى قاتارلىقلار.
2. پىسخىك ئامىل:
HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىك بېسىمى بىر قەدەر چوڭ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەيدىز كېسىلىدە يەنىلا نۇرغۇن سېسىق ناملار مەۋجۇت، قىسمەن ئەرلەر HIV نى ھەمراھلىرىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.
ئەگەر پىسخىكا ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي ئاجىزلىق بولسا، پىسخىكا دوختۇرىنى ئىزدەپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
3. تېستوستېرون (睾酮) سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇش:
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقتىن قەتىينەزەر، ئەر HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېستوستېرون سەۋىيەسى كۆپ ھاللاردا نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ بەلكىم HIV دىن يۇقۇملانغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇرۇقداننى زەخمىلەندۈرگەنلىكىدىن بولۇشى ياكى HIV غا مۇناسىۋەتلىك سىجىل ياللۇغلىنىشتىن بولۇشى مۇمكىن.

HIV نىڭ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
1. ئالدى بىلەن ئۆزى ئىستېمال قىلىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈپ، ئۆزى ئىستېمال قىلىۋاتقان دورىلارنىڭ قايسىسىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك.
زۆرۈر تېپىلغاندا، دوختۇردىن ياردەم سوراپ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىرى تۆۋەنرەك بولغان بىر خىل دورا بىرىكمىسىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز باشقا دورىلارنى ئىچىۋاتقان بولسىڭىز يەنى، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان دورىلارنى ئىچىۋاتقان بولسىڭىز، مەسىلەن: سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار (قاننى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار)، يۈرەك كېسىلى تۈرىدىكى دورىلار (دىگاۋشىن 地高辛) قاتارلىقلار، پايدا ـ زىياننى ياخشى دەڭسەپ كۆرۈپ، كەسپىي دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا ئىشلىتىش كېرەك.
2. ئەگەر سىزدە پىسخىك ئامىلدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى بولسا، قەرەللىك ھالدا كەسپىي پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئالسىڭىز بولىدۇ.
گەرچە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشى بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ جىنسىي رازىمەنلىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى جىنسىي ھەۋىسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئانچە چوڭ باغلىنىشى يوق ئىكەن.
ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلاشسا، ھەممە ئىش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى