ساغلاملىق

ئۆيدە دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ فورمالدېھىدنى يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ

ئۆيدىكى فورمالدېھىدنىڭ ساغلاملىققا بولغان زېيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوقىرى بولىدۇ. ئۆيدىكى فورمالدېھىدنىڭ زىيىنىدىن قانداق قىلغاندا توغرا ساقلانغىلى بولىدۇ ؟ تۆۋەندە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.
پىروفېسسور جاڭ يىنپىڭ -چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش مۇھىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىن

فورمالدېھىدنىڭ زىيىنى
خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فورمالدېھىد قويۇقلۇقى يۇقىرى مۇھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكى، بۇرۇن كاۋىكى راكى، ئاق قان كېسىلى، تېرە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: فورمالدېھىد بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، فورمالدېھىدنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا قويۇقلۇقى ھەر كۇب مېتىردا 0.1 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتسە فورمالدېھىدنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلېكىنى ئىسپاتلايدۇ.

فورمالدېھىدنىڭ قويۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش

ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتە، كەسپىي خادىملار كەسپىي ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ ھاۋادىن ئەۋرىشكە ئالغاندىن كېيىن، تەجرىبىخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرىدۇ.

كىتاب بولسا تالادىن تەركىب تاپقان، ئۆي بېزەش جەريانىدا فورمالدېھىدنىڭ قويۇقلۇقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندا، كىتابتىكى ۋاستىچى ماددا فورمالدېھىدنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئۆي بېزىلىپ بولغاندىن كېيىن كىتاب ئاستا-ئاستا ئۆي بېزەش جەريانىدا سۈمۈرگەن فورمالدېھىدنى قويۇپ بېرىپ، ئۆي ئىچىدىكى فورمالدېھىدنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆي ئىچى فورمالدېھىدنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئامىلى بولسا:
1. بەك كۆپ ئۆي جاھازلىرىنى قويۇش.
2.ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئۇزۇن ۋاقىت ھىم ئېتىۋىلىپ ھاۋا ئالماشتۇرماسلىق.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ئۆي بېزىگەندىن كېيىن، ئۆي ئىچىدىكى فورمالدېھىد پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتكۈچە كىتاب، گىلەم، دېرىزە پەردىسى قاتارلىق فورمالدېھىدنى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدىغان نەرسىلەرنى سالماسلىق كېرەك.

فورمالدېھىدنى يوقىتىشنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
تۆۋەندىكى نەرسىلەرنىڭ فورمالدېھىدنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

ئاچچىقسۇ، ئاناناس پوستى، سۇس يېشىل گۈل قاتارلىقلارنىڭ فورمالدېھىدنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كۆمۈرنىڭ فورمالدېھىدنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولسىمۇ، بېنزول تۈرىدىكى ماددىلارنى سۈمۈرۈشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك، ياندۇرغان شاملار فورمالدېھىدنى يوقىتىپ قالماستىن، يەنە يېڭى بۇلغىغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: سۈنئىي بىرىكمە تاختاي تەركىبىدە ئۇرېيا ئالدېگىدلىق سىمولا بار بولۇپ، فورمالدېھىدنى ئاسان قوندۇرۋالىدۇ.

فورمالدېھىدنى يوقىتىش ئۇسۇلى:

دائىم ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا فورمالدېھىدنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ. دېرىزىنىڭ ئېچىلىش ئارىلىقىنى 10 سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېرىزە ئېچىش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق بولۇشىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

ئەگەر سىرتنىڭ ھاۋا سۈپىتى ناچار بولۇپ، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا توغرا بولمىسا فورمالدېھىدنى چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھاۋا تازىلىغۇچ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. فورمالدېھىدنىڭ ھاۋانى تازىلاش مىقدارى CADR قىممىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. جەمئىي ساپلاشتۇرۇش مىقدارى CCM قىممىتى ۋە CADR قىممىتى قانچە يوقىرى بولسا تازىلاش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. CCM قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىشلىتىش ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش