تەبىئەت

مۈشۈكئېيىق

دۆلەت گۆھىرى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىك تۇنجى بولۇپ دۆلىتىمىزدىكى مۈشۈكئېيىقنى ئويلايدۇ. مۈشۈكئېيىق ئېلىمىزنىڭ دۆلەت گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن!

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

مۈشۈكئېيىقنىڭ تەمىناتىنى كۆپچىلىكمۇ ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، ھەشەمەتلىك ئۆي، ئالىي دەرىجىلىك بامبۇك، كەسپىي خادىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى قاتارلىقلار كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

ئەمىسە ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت گۆھىرىمۇ شۇنداق ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەمدۇ؟ جاۋابى ياق!

ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت گۆھىرى كېنگۇرۇ، دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى ۋە ئۆردەكتۇمشۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېنگۇرۇنىڭ ھالى سەل خاراب.

دۆلەت گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېنگۇرۇ نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرمەيدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ چوققىسىدىكى ھايۋانلار يوق، يەنى كېنگۇرۇنى يەيدىغان گۆشخور ھايۋانلار ئاۋسترالىيەدە مەۋجۇت ئەمەس، ئەلۋەتتە ئىنسانلاردىن باشقا.

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

بۇ 2017-يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىنى كېنگۇرۇ يېيىشكە چاقىرغانلىقىنى ھەمدە بىر مىليون كېنگۇرۇنى يوقىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن بىر مىليون دېگەن بۇ سان پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر بۇرجىكى خالاس، چۈنكى 2017-يىلىغىچە ئاۋسترالىيە ئىستاتىستىكا قىلغان كېنگۇرۇ سانى 50 مىليونغا يېتىدۇ!
ئۇنداقتا نېمە كېنگۇرۇنىڭ بۇنداق تەلۋىلەرچە كۆپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ تەبىئەت دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان دوستلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بىر رايوندىكى ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىسى بولمىغاندىن كېيىن، ئۇ تەپ تارتماي تەلۋىلەرچە كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋسترالىيە مۇھىتى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. شۇڭا ئاۋسترالىيەنىڭ تەبىئىي مۇھىتى كېنگۇرۇنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ مەسىلە كېنگۇرۇنى تەلۋىلەرچە كۆپەيتىپلا قالماي، مۇھىتنىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى.

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

ھەممىگە مەلۇمكى، كېنگۇرۇ ئوت-چۆپ يەيدۇ، ئۇلار ئوت-چۆپنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇمۇ ئەسلىدىنلا %70 قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايون ھېسابلىنىدىغان ئاۋسترالىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى خەۋپتە قالدۇرىدۇ.

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

كېنگۇرۇنىڭ ئوت-چۆپنى ھەددىدىن زىيادە يېيىشى، يېگەندىمۇ يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يېيىشى ئاۋسترالىيەنىڭ چارۋىچىلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، ئاۋسترالىيەدە چارۋىچىلىق ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بەلكىم ھەممىڭلارنىڭ ئېسىدە دەرس ئۆتكەندە مۇئەللىملەرنىڭ ئاۋسترالىيەنى قويغا مىنىۋالغان دۆلەت دېگىنى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنىڭدىنلا بىز ئاۋسترالىيە چارۋىچىلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئاۋسترالىيەنىڭ چارۋىچىلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ئوتلاققا تايىنىدۇ، كېنگۇرۇنىڭ يامراپ كېتىشى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

كېنگۇرۇلار ئۇرۇشۇش چېمپىيونى. كېنگۇرۇنىڭ تۇغما گېنى بەدەن تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللار بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارنىڭكىدىنمۇ قاۋۇل، قۇرامىغا يەتكەن كېنگۇرۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 150 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا كېنگۇرۇ قاۋۇل ھەم جانلىق، تۇغما «بوكس ماھىرى» ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كېنگۇرۇنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى!
ماۋۇ بەدەندىكى مۇسكۇل گۆشكە قاراڭ…

为什么澳大利亚政府号召民众吃国宝?因为澳洲的袋鼠不讲武德

قارايسىزغۇ؟ ئېتىشىپ باقامدۇق-يا؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى