تەبىئەت

قابىلىيەتلىك ئوۋچى: ئاق ئاغمىخان

بىر خىل جانلىق بار، ئۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىش كۈچى ئوڭ تاناسىپ، يەنى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكىدەك قانچە ئوماق بولسا شۇنچە مۇلايىم بولىدىغان توشقانچاق بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ، ئۇ قانچە ئوماق بولغانسېرى شۇنچە ئۇرۇشقاق ۋە قورقماس كېلىدۇ. بۇ دەل ئاق ئاغمىخاندۇر.

ئاق ئاغمىخان بولسا ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ھايۋان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ياز پەسلىدە قورساق قىسمى ئاق، دۈمبە تەرىپى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ئورمانلىقتا ماڭغاندا دۈمبىسىنىڭ قوڭۇر رەڭگى ئۇنى كۈشەندىلىرىدىن قوغداش قوغداپ قالالايدۇ. قىش پەسلىدە پۈتۈن بەدىنى ئاق رەڭلىك تۈكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ، بۇ ئاق تۈك سوغۇققا قارشى تۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنى قار ئىچىگە يوشۇرۇشقا پايدىلىق.

مەيلى سېرىق ئاغمىخان ياكى ئاق ئاغمىخان بولسۇن، ئۇلار توخو يېيىشكە قارىغاندا چاشقان يېيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

ئاق ئاغمىخاننىڭ جۇغى كىچىك، بەدىنى ئىنچىكە بولۇپ، ئېغىرلىقى نەچچە يۈز گىرام كېلىدۇ. باش قىسمى ئىككى، ئۈچ تال تۇخۇمچىلىك چىقىدۇ، ئۇ چاشقان ئۇۋىسىغا ئاسانلا كىرەلەيدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بەزى چاشقانلار ئاغمىخانلاردىنمۇ سېمىز ئەمەسمۇ. ئۇلار چاشقان يېيىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئاغمىخان يىلدا 3000دىن ئارتۇق چاشقاننى يەۋېتەلەيدۇ.

ئاق ئاغمىخان چاشقان ئۇۋىسىغا كىرىپ چاشقان تۇتۇپلا قالماستىن، سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز، شۇڭا چاشقان كاماردا بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!

ئۇنى بەك ئوماق ئىكەن دەپ قالماڭ، ئۇ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر كۈندە سەككىز-توققۇز چاشقاننى يوقىتالايدۇ، چاشقان بىلەن ئاغمىخاننىڭ بەدەن شەكلىنى سېلىشتۇرۇپ قاراپ باقسىڭىز، بۇ چاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى يەۋېتەلىگىنىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايسىز.

شۇڭا ئۇلار چاشقاننى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئورۇننى تاللاپ يەيدۇ يەنى: چوڭ مېڭە!

ئاق ئاغمىخان چاشقاننىڭ چوڭ مېڭىسىنى يەۋېتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆڭكۈرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆڭكۈردىكى چاشقانلارنىڭمۇ مېڭىسىنى يەۋېتىدۇ.

بۇ چاشقان تۇتۇش ماھارىتىگە، قېرى مۈشۈك ھەقىقەتەن قايىل بولدى.

ئۇ كىچىك بولغىنى بىلەن، ئىرادىسى كۈچلۈك، ئوۋ ئوۋلاشنىلا ئەمەس، ئاسماندا ئۇچقاننىمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ!

ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ!

ئاق ئاغمىخان جۇغى ئۆزىدىن كىچىك ھايۋانلارغا قول سېلىپلا قالماي، جۇغى ئۆزىدىن چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا قول سېلىپ، چوڭ ئاكىسى ھەسەلخور بورسۇقنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەيدۇ.

ھەسەلخور بورسۇقنىڭ ئافرىقىدىكى نامى چىققان ئوۋچى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ھەسەلخور بورسۇق ئاغمىخان ئائىلىسىگە تەۋە، گەرچە جۇغى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق يۈرىكى ھەقىقەتەن چوڭ.

باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئۆزىدىن چوڭ ئولجىلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا كۆپىنچىسى بىرلىكتە ئوۋ قىلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن يالغۇز چىقمايدۇ، ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئالدىغا ئوۋ قىلىدۇ.

ئاق ئاغمىخان ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى جۇغى كىچىك يۇڭلۇق ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن تېنى ئۆزىدىن چوڭ ھايۋانلارغا قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. مەسىلەن: توشقان!

توشقان تۇتۇش تىلغا ئېلىنسا، ئاق ئاغمىخانمۇ توشقاننى تۇتىدۇ.

توشقان تۇتىدىغان ئاق ئاغمىخانغا قاراپ باقايلى! بۇ توشقاننى تۇتۇپ يەيدىغىنى ئاغمىخان ئەمەس، بەلكى ئاق ئاغمىخان. ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار راستتىنلا قابىلىيەتلىك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى