تەبىئەت

كانا تېرە كېسىلى پەيدا قىلامدۇ؟

كانا يەر شارىدىكى بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۈر! ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلى كىچىك بولۇپ، كىچىكلىكىدىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆمۈچۈككە ئوخشاش تىرنىقى بار بۇ خىل پۇتلىرى كۆپ سىرلىق ھاشاراتقا قارىسىلا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدۇ. ئەلۋەتتە، كانا بىلەن ئۆمۈچۈكنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ئىنتايىن يىراق، بەلكىم ئۇنىڭ سالجا بىلەن بولغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زىچ بولۇشى مۇمكىن.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتە تاپقان تارىختىكى ئەڭ قەدىمىي كانا ئەۋرىشكىسى بۇنىڭدىن ئەڭ يىراق بولغاندا 60 مىليون يىلدىن ئاشىدۇ!
تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىسى بالتىق دېڭىزىدىن تېپىلغان كەھرىۋا بولۇپ، يېڭى دۇنيادىن سەل بۇرۇنقى. نەپىس كەھرىۋا يىللارنى پېچەتلەپ ساقلاپ، يىراق يىللاردىكى بىر جانلىقنى بىزگىچە يەتكۈزگەن. كانا بىر چوڭ ئائىلە بولۇپ، يەر شارىدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كانا 50 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، تارىختا يوقىلىپ كەتكەنلىرىنى دېمەيلا قويايلى.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

كانىنىڭ يېتىلىش دەۋرى
خۇددى باشقا ھاشاراتلارنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ئوخشاش، كانا ئۆمرىدە ئاساسەن تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ: تۇخۇم ـ لىچىنكا ـ ياش قۇرۇت ـ يېتىلگەن قۇرۇت

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

ئوخشاش بولمىغان ھالەت ۋە باسقۇچتىكى كانىنىڭ ئۆز ئالدىغا «تەرەققىيات» ۋەزىپىسى بار. تۇخۇم تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك مۇۋاپىق شارائىتتا ئادەتتە ئالتە ھەپتە ئىچىدە تۇخۇمدىن چىقىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىكى بويى پاكارلار ھالىتى «لىچىنكا» دەپ ئاتىلىدۇ. لىچىنكىنىڭ ئالتە پۇتى بار، جۇغى كىچىك بولۇپ، ئۈچ قېتىم تېرە تاشلىغاندىن كېيىن ياش قۇرۇتقا ئايلىنىدۇ. ياش قۇرتنىڭ سەككىز پۇتى بار، يەنە ئۈچ قېتىم قاسراق تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىپ، يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. ئىنسانلار ئۇزاق ۋاقىتقىچە كانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمىگەن، خۇددى ھاۋانىڭ ئەسلىدە ھېچنەرسە يوق، قۇرۇق ئەمەسلېكىنى بىلمىگەنگە ئوخشاش.
螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会كانىنى «نامسىز» بايقىغان ئالىم
تارىختا كانىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان كىشى دەل 17ـ ئەسىردىكى داڭلىق ئەنگلىيە ئالىمى روبېرت خۇك(罗伯特·胡克).
خوك قانداق ئادەم؟ دەل ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە، خوك قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى: پۇرژىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئېلاستىك كۈچ ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ!

ئۈستىدىكى رەسىمنى كۆرگەندە، چاچ پاسونى ۋە گىرىمىدىن نيۇتوننى ئەسلەپ قالدىڭىزمۇ؟
توغرا!
خۇك بىلەن نيۇتون ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر خىل «سىرلىق»، پادىشاھ قىزىقىدىغان ئىلمىي تېمىلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ توپلىغان. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، خۇكنىڭ نامى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت نيۇتون تەرىپىدىن يېپىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نىيۇتون نامى چىققان ئىچى تار. خۇكنىڭ نيۇتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا، نيوتۇن ئەينى چاغدا خان جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خوك ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سىرتتىكېلەر تەرىپىدىن تونۇلۇپ باقمىغان.
ئەمما خۇك مىكرو جانلىقلار تەتقىقاتىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مىكروسكوپىنى كەشىپ قىلغان.
بۇ خىل مىكروسكوپنىڭ ھەقىقىي شەكلى ھازىرقى زامان مىكروسكوپىغا ئوخشايدۇ.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

روبېرت. خوك كەشىپ قىلغان مىكروسكوپ
كېيىن گوللاندىيىلىك لىنزا سىلىقلاش سودىگىرى لېۋېن خوك كەشىپ قىلغان مىكروسكوپ بىر پارچە تۆمۈر تاختىغا تېخىمۇ ئوخشىغان.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

لېۋىن خوك كەشىپ قىلغان مىكروسكوپ
روبېرت خۇك ئۆزىنىڭ مىكروسكوپى بىلەن ياغاچتىن ياسالغان ئۈستەلنىڭ سىرتقى يۈزىنى كۆزەتكەندە، ئويلىمىغان يەردىن قات- قات «كىچىك ئۆي»لەردىن تۈزۈلگەنلېكىنى بايقىغان.
螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەنزىرىنى قولدا سىزىپ چىققان. يەنى ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرگەن كىچىك «ئايرىم ئۆيلەر»، خوك ئۇنىڭغا: «ھۈجەيرە» دەپ ئىسىم قويغان!
خۇك ئۆزى كەشىپ قىلغان مىكروسكوپتىن پەيدىلىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزى تۇتالايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تاشلاپ كۆرۈپ باققان. بىر قېتىم ئۇ ئۆيدىكى گىلەمنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ ـ توزاننى تازىلاۋېتىپ، كانىنى كۆرۈپ قالغان.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

ئوڭ تەرەپتىكى ھاشارات كانا
كانا ۋە ئىنسانلار
يەر شارىدىكى كانا 50 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇلار خۇددى بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ. ئەمما، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كانا قۇرتلىرىنىڭ ئىنسانلار ۋە ئىنسانلار باققان چارۋىلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، شۇڭا ئۇلارنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى كانا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت پەيدا بولغان.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىمۇ چۈشىنىش ئاسان!
كانا ياشاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل تۈر بولۇپ، ئىنسانلار ياشاۋاتقان بوشلۇقتا، كانا بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: پول، گىلەم، كىيىم-كېچەك، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىكى چاڭ-توزانلاردا، ھەتتا تەر تۆشۈكچىلىرىڭىزدە….. كانىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

كانا ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئەسۋە قاتارلىق رېئاكسىيە تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئەلۋەتتە، بۇنى كانا چېقىۋالغاندىن كېيىن بىۋاستە كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كانىنى ئۇنىڭ قېرىندىشى سالجا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قانغا ئالاھىدە مېھرى يوق. كانىنىڭ ئادەم تېرىسىگە تارقىلىشى ئەمەلىيەتتە مەلۇم نورمال ھالەتكە ئوخشايدۇ. كانا سانى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولسا تېرە ھالىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە كانا رېئاكسىيە قىلمايدۇ، بەلكى ئاز ساندىكى كىشىلەر رېئاكسىيە قىلىدۇ.

螨虫:我们活着不制造皮肤病,杀死我们才会

ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدىغىنى تىرىك كانا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭ تەرىتى ۋە جەسىتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كانا سانىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، يەنى ئاجرىتىپ چىقىرىش، ئۆلۈش- قىسمەن ئەسۋىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە سودىگەرلەرنىڭ ئېلانلىرى ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ يۈرگەن يىللاردا، كانا يوقىتىش مۇتلەق توغرا دەپ قارالماقتا. مەيلى كانا مەسىلىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كانا يوقىتىلسىلا زىياندىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل كۈلكىلىك قاراش، چۈنكى سىز كانىلارنى ھەرقانچە يوقىتىۋەتسىڭىزمۇ، كانىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كانىنى ھەددىدىن زىيادە يوقىتىش، يەنى تېرىنى بەك پاكىز قىلىۋېتىش كۆپىنچە ھاللاردا تېرە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەقىقىي سەۋەبتۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
  • پېدىگەن
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى