تەبىئەت

ئەركەك مۈشۈك بىلەن چىشى مۈشۈكنىڭ جىنسىدىن باشقا يەنە قانداق پەرقى بار؟

بىز دائىم ھەر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە دوستلار چەمبىرىكىدە مۈشۈكلەر تەرىپىدىن مەستخۇش بولىمىز، بىر قىسىم مۈشۈكلەرنىڭ سېمىزغىنە يۈزى، دۈگىلەك كۆزلىرىگە خۇمار بولۇپ قالىمىز.

بەزى مۈشۈكلەر ناھايىتى يۇۋاش بولۇپ، كىشىگە تولىمۇ يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

بەزىلىرى تولىمۇ ياۋايى ھەم بەك كەپسىز. ئەمەلىيەتتە بۇلار مۈشۈكنىڭ نەسلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، مۈشۈكنىڭ جىنسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا، ئەركەك مۈشۈك بىلەن چىشى مۈشۈكنىڭ قانداق پەرقى بار؟ مۈشۈك باققاندا قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنى، شۇنداقلا مىجەزىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك يېتىلدۈرەلەيمىز؟

بەدەن شەكلى جەھەتتە
ئەركەك مۈشۈكنىڭ مۇسكۇللىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ شوخ، سەكرەپ تاقلاشقا ئامراق، چاققان كېلىدۇ. ئوخشاش ياشتىكى ئەركەك مۈشۈكلەر بەدەن شەكلى جەھەتتە چىشى مۈشۈكتىن چوڭراق قاۋۇل بولىدۇ، چىشى مۈشۈك بىر قەدەر زىلۋا، لېكىن كۆپ يېسە قورسىقى ناھايىتى ئاسانلا تومپىيىپ چىقىدۇ، ئۆزى سەل دىقماقراق.

يزز شەكلى جەھەتتە
ئەركەك مۈشۈكنىڭ يۈزى بىر قەدەر چوڭ، يۇمىلاق بولىدۇ، قورسىقىغا ئامراق. چىشى مۈشۈكنىڭ يۈز قىسمى ئادەتتە بىر قەدەر ئۇچلۇق بولۇپ، «شىمىشكا يۈز» كېلىدۇ.

خاراكتېر جەھەتتە
ئەركەك مۈشۈك ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرگە ئىگە، يۈرەكلىك كېلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەركەك مۈشۈك باشقىلاردىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. خاراكتېرى تۇراقلىق بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۆيدە باققان ئەركەك مۈشۈك بىر قەدەر ئەركە چوڭ بولۇپ قالىدۇ. غوجايىننىڭ يات مۈشۈكلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ.
ئەكسىچە چىشى مۈشۈك قورقۇنچاق، باتنىغاق كېلىدۇ، ئادەمگە ئانچە چاپلىشىۋالمايدۇ، ئىنتايىن جاھىل.

كۈيلەش جەھەتتە
ئەركەك مۈشۈك كۈيلىگەندە، ھەممە يەرگە قالايمىقان چوڭ كىچىك تەرەت قىلىدۇ. چىشى مۈشۈكنىڭ كۈيلەش ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا ئۆزىنى «تۇتۇۋالالمايدۇ».

چىشى مۈشۈك كۈيلىگەندە بىر قەدەر تەشەببۇسكار بولىدۇ، يەنە تېخى كۈيلەش مەزگىلىدە باشقىلارغا سۈركىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى چىڭ ئېتىۋېتىش كېرەك، بولمىسا ئۇلار جۈپلىشىۋالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى