خاتىرەم

ئىنگلىز تىلى

كىرىش سۆز

مۆھتىرەم كىتابخان:

ئېتىمال سىز خېلىدىن بېرى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان، ئۆز ئانا تىلىڭىزدا تۈزۈلگەن، مۇكەممەل، سىستېمىلىق بىر ئىنگلىز تىلى دەرسلىك كىتابنى ئىزدەپ يۈرگەن بولسىڭىز كېرەك. مانا بۈگۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئە) تىللىرى فاكۇلتېتى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر رەجەپ، بىلەن تىل فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم راخمان بىرلىكتا تۈزگەن «ئىنگلىز تىلى»، ناملىق كىتاب دۇنياغا كەلدى. بۇ كىتاب بىر يۈرۈش تۆت قىسىم بولۇپ، قولىڭىزدىكى كىتان سىزنىڭ 1-قىسىم كىتابتا ئۆگەنگەنلىرىڭىز ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلىشىڭىزگە ئاساس يارىتىدىغان 2-قىسىم كىتابتۇر. بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن. مۇكەممەل، قىزىقارلىق تېكىستلەر، ئوقۇغۇچىلار ئىشلىيەلەيدىغان مەشىقلەر، ئوقۇشلۇق، مۇھىم گرامماتىكىلىق بىلىملەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىشىگە، ئۆگەنگەنلىرىنى جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىغا، ھەم ئاڭلىيالايدىغان ھەم سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشىغا ئاساس يارىتىلدى. بۇ بىر يۈرۈش تۆت قىسىم كىتاب جەمئىي 3500 دىن ئوشۇق سۆزنى، ئاساسلىق گرامماتىكىلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر يۈرۈش كىتابنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر يۈرۈش كىتابنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن كىتاب-ماتېرىياللاردىن نورمال پايدىلىنالايدىغان، ئىنگلىزچە ئالاقە قىلالايدىغان سەۋىيىگە ئىگە بولالايدۇ….


ئىنگلىز تىلى 1-قىسىم-چۈشۈرۈش/كۆرۈش

ئىنگلىز تىلى 2-قىسىم-چۈشۈرۈش/كۆرۈش

ئىنگلىز تىلى 3-قىسىم-چۈشۈرۈش/كۆرۈش

ئىنگلىز تىلى 4-قىسىم-چۈشۈرۈش/كۆرۈش

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى