تەبىئەت

دۇنيادىكى قورسىقى ئەڭ چوڭ چۈمۈلە

چۈمۈلىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپ قىسىم چۈمۈلىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما بىر خىل ھەسەل چۈمۈلىسى بولۇپ، بەزى كىشىلەر بۇ چۈمۈلىنى خاملا يەيدۇ.

ھەسەل چىقىرالايدىغان بۇ چۈمۈلىلەر ئادەتتە ئۇۋىسىدا تۇرىدۇ، ئىشچى چۈمۈلىلەر ئۇلارغا يېمەكلىك بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلار ھەسەل شىرنىسى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى چۈمۈلە توپىنىڭ خانىشى بولۇپ ئەمگەك قىلمايدۇ، پەقەت پۈتۈن زېھنى بىلەن ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدۇ.

بۇ ھەسەل شىرنىلىرى ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ قورساق قىسمىدا پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ، قارىماققا ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ بەدىنى ھەر ۋاقىت ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىشچى چۈمۈلە تەمىنلىگەن گۈل شىرنىسىنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمىغاندا، ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققان شىرنىنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ھەسەل چۈمۈلىسىنىڭ قورساق قىسمى تاتلىق ھەسەل شىرنىسى ئىشلەپ چىقارغاچقا، ئۆزىمۇ ناھايىتى تەملىك بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەسەل چۈمۈلىسى بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان مەززىلىك تەم دەپ قارىلىدۇ. كىشىلەر چۈمۈلىنى ئۇۋىسىدىن تۇتۇپ چىققاندىن كېيىن بىۋاستە ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ نامرات جايلاردا ھەسەل چۈمۈلىسى ئۇششاق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى