خاتىرەم

ئىنگلىز تىلىنىڭ سىرى

مانا بۇ ئىنگلىز تىلى

بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار ئىشلىتىۋاتقان تىللارنىڭ ئومۇمىى سانى 5561 گە يېتىدىغان بولۇپ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېچقانداق بىر تىل ئىنگلىز تىلىدەك ئۇنچە زور تەسىرگە ئىگە ئەمەس.بۈگۈنكى دۇنيادا قاپلىنىش جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تىل-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تەرەققىى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تىلى-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا باشقا يەنە 54 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا، بولۇپمۇ ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۇلەتلەرنىڭ ئىككىنچى دۆلەت تىلى-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا ب دت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دانىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تىلى-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى 12 دۆلەتتە 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۈنجى ئانا تىلى-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەتتە 370 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىككىنچى ئانا تىلى-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا ھازىر 80 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادا بارلىق پوچتا ۋە ئېلېكترونلۇق يوللانمىلارنىڭ 75% دىن كۆپرەكى ئىنگلىز تىلىدا.
بۈگۈنكى دۇنيادا زور كۆپچىلىك كىشىلەر تور ئالاقىدە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق تىل-نىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى كومېيۇتېردا ساقلىنىۋاتقان بارلىق ماتېرىياللار ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ 80 ىدىن كۆيرەكى نئىنگلىز تىلىدا.
بۈگۈنكى دۇنيادا بېسىلىۋاتقان بارلىق كىتاب. گېزىت- ژۇرناللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىنگلىز تىلىدا.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى بارلىق رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى پروگراممىلىرىنىڭ 2/3 قىسمى ئىنگلىز تىلىدا.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىچىدە ئىنگلىزچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بولمىغان بىرمۇ دۆلەت يوق.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى 95 دۆلەتنىڭ ئاساسي مائارىپىدىكى چەت ئەل تىلى دەرسلىكى دەل نئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا 1 مىليارد 500 مىليوندىن ئارتۇق كىشىلەر سۆزلەيدىغان تىل-ئىنگلىز تىلى.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئاز دېگەندە 1/3 ئادەم مەلۇم نىسبەتتە ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىگە ئىگە ۋە ئىنگلىز تىلىدا ئالاقە قىلالايدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 1 مىلياردتىن ئارتۇق بولۇپ.دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ..
بۈگۈنكى دۇنيادىكى 250 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ سان ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ.

بۈگۈنكى دۇنيادىكى خەلقتارالىق سودا، ئېلانچىلىق، ئاۋىئاتسىيە. مېدىتسىنا. ئېلېكترون ۋە ساياھەتچىلىك كەسىپلىرىنىڭ ئاساسلىق تىلى ئىنگلىز تىلى. ئىنگلىز تىلى يەنە

بۈگۈنكى دۇنيادىكى خەلقئارالىق پەن-مائارىپ تەشكىلاتى ۋە ب د ت نىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپلا قالماستىن. بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مۇناسىۋەت. يىغىلىش،مۇراسىم ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق تىلى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ ھەرخىل خەلقئارالىق چوڭ شىركەت- گورۇھلىرى. ھوللېۋود فىلىملىرى.ناخشا- مۈزىكىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل كۆپ ۋاسىتىلىك كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىلىرى ئىنگلىز تىلىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بولغان تەسىرىنى كۈندىن- كۈنگە كۈچەيتىۋەتمەكتە…

ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىنگلىز تىلى بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىر شەكىلسىز بايلىق. سىزمۇ يەرشارى كەنتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ خىل بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىشكە ھوقوقلۇقسىز. سىز ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزگىنى تونۇڭ. ئۆز- ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۇرۈڭ. بىر كۈن ئىچىدىكى سىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان ئاشۇ ئۇششاق- چۈششەك ۋاقىتلار ئېھتىمال سىزنىڭ ئاشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش جەريانىدا باسقان قەدەملىرىڭىز بولۇپ قالار.

پۈتۈن ئىنگلىز تىلىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي تەركىب 26 ھەرپ. ئىنگلىز تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ سىرلىق ئاھاڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغۇچى 26 ھەرپ. قولىڭىزدىكى كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرس مەزمۇنىمۇ دەل 26 دەرس بولۇپ، ھەر بىر دەرستىكى 26 خىل چوڭ-كىچىك سەھىپىلەر ئىنگلىز تىلىدىكى ھەرپنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە بوغۇم ، سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ 26 خىل ئاچقۇچلۇق سىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە كىتابتىكى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىدە زۆرۈر بولغان 26 خىل مەسلىھەت، ئىنگلىز تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرىسىدىكى 26 نېگىزلىك پەرق، ئىنگلىز تىلىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 26 پېئىل،26 ئىسىم،26 سۈپەت،26 رەۋىش،26 سۆز ئالدى ياردەمچىلىرى … سىزنى سىستېمىلىق، يېنىك ھەم سالماق قەدەملەر بىلەن ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.


كىتاب PDF شەكلىدە بېرىلدى….

كۆرۈش/چۈشۈرۈش

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى