يېمەك-ئىچمەك

دۈملىگەن، قاقلىغان بەرەنگىنى يەۋەرمەڭ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تاتلىقبەرەنگىنىڭ يېڭى يېيىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىمىز، يۇمشاق، يېپىشقاق، تاتلىق، بەك يېيىشلىك، ئېتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

تاتلىقبەرەنگى نومى قوتۇرمىچى
ئاساسلىق ماتېرىيالى: تاتلىقبەرەنگى ئىككى تال، سۈت پاراشوكى 30 گرام، ھەسەل بىر قوشۇق، نومى گۈرۈچ ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا، قۇرۇق ئۈزۈم مۇۋاپىق مىقداردا.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

تەپسىلىي ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم: ئالدى بىلەن قىزىل تاتلىقبەرەنگى ياكى سۆسۈن تاتلىقبەرەنگى تەييارلايمىز، قىزىل تاتلىقبەرەنگى تاتلىق ھەم يۇمشاق يېپىشقاق بولۇپ، يېگەندە ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق، تاتلىقبەرەنگىنى پاكىز يۇيۇپ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئىككى بېشىنى ئېلىۋېتىمىز.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

ئىككىنچى قەدەمدە: پاكىز يۇيۇلغان تاتلىقبەرەنگىنى نېپىز توغراپ، تەخسىگە قاچىلاپ، قازانغا سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ، چوكا بىلەن يېنىك سانجىپ قويساقلا بولىدۇ.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

ئۈچىنچى قەدەم: دۈملەپ پىشۇرۇلغان تاتلىقبەرەنگى ياپراقچىسىنىڭ قۇرۇقلۇقىنى كونترول قىلىپ، يىغىلىپ قالغان سۇنى پاكىز تۈكىۋېتىمىز.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

تۆتىنچى قەدەم: تاتلىقبەرەنگىنى ئىزىپ لاي قىلىمىز، مونەكچە بولۇپ قالمىسىلا بولىدۇ.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

بەشىنچى قەدەم: داسقا بىر قوشۇق سۈت پاراشوكى، تەخمىنەن 30 گىرام ئەتراپىدا سېلىپ، ئاندىن بىر قوشۇق ھەسەل قوشىمىز، ھەسەل يېپىشىش رولىنى ئوينايدۇ.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

ئالتىنچى قەدەم: مۇۋاپىق مىقداردا نومى ئۇنى سالىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا بىر سىقىم قۇرۇق ئۈزۈم سېلىپ يۆگەيمىز، باشقا مېۋە قېقىنى سالساقمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: دولانا قېقى، شاپتۇل قېقى دېگەندەك.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

يەتتىنچى قەدەم: نومى ئۇنى بىلەن تاتلىقبەرەنگى بوتقىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ يۇغۇرىمىز، ئەگەر بەك يۇمشاق بولۇپ كەتسە نومى ئۇنى مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، ئاخىرىدا مۇشۇنداق خېمىر يۇغۇرساقلا بولىدۇ.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

سەككىزىنچى قەدەم: قول بىلەن تەڭ بۆلۈنگەن خېمىرنىڭ ھەر بىرى تەخمىنەن 50 گىرام ئەتراپىدا، ھەممىسىنى تەخسىگە تەكشى تىزىپ تەييارلايمىز.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

توققۇزىنچى قەدەم: قاقلاپ پىشۇرۇش توك قازىنىنى قىزىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ماي سۈركەپ، نومى گۈرۈچ ئۇنى شارچىسىنى قازانغا سېلىپ، ئازراق بېسىپ ياپىلاق قىلىپ، بوش ئوتتا ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا قاقلايمىز.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

ئونىنچى قەدەمدە: مايدا پىشۇرۇلغان يۈزنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندە، يەنە بىر تەرىپىگە ئۆرۈپ، ئىككى تەرىپى ئالتۇن رەڭگە كىرگەندە، ئاندىن تاتلىق بەرەنگى قاتلىمىسىنى ئۈستىنى يېپىپ قاقلاپ پىشۇرىمىز، بۇنداق قىلغاندا قاتلىمىنىڭ ئىچى خام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پىشقاندا قازاندىن چىقارساقلا بولىدۇ.

2根红薯,一碗糯米粉,不用蒸不用炸,外酥里软,出锅全家抢着吃

تاتلىقبەرەنگى قاتلىمىسى مۇشۇنداق تەييار بولىدۇ، سىرتى چۈرۈك ئىچى يۇمشاق، يۇمشاق، تاتلىق، بەك يېيىشلىك، قازاندىن چىقسىلا پۈتۈن ئۆيدىكىلەر بەك ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ.
ئەسكەرتىش
1. چوقۇم بوش ئوتتا قاقلاش كېرەك.
2. ئۆزى ئىتىپ يېيىش، چوقۇم سىرتتىن ئالغاندىن ياخشىراق.
3. بەك تاتلىق يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلار ھەسەل قوشمىسىمۇ بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى