ساغلاملىق

دىققەت! قارىغۇلارچە بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

ھەر كۈنى ئۈچ سائەت يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەت قىلغان ئەر مەلۇم بىر كۈنى كىچىك تەرىتىنىڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگەرگەنلېكىنى بايقاپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەن، نەتىجىدە ئېنزىم كىسلاتاسى كۆرسەتكۈچى 200 ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن شۇنداقلا جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خەۋەرنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر كۈنى يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇش قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلسا توغرا بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەرلەردىكى جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولسا دەل زىيادە ھەرىكەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك. زىيادە ھەرىكەت قىلغاندا، ئادەم بەدىنىدە توغرا يوللۇق مۇسكۇل خوراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. توغرا يوللۇق مۇسكۇل خوراش جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

توغرا يوللۇق مۇسكۇل خوراش كېسىلى دېگەن نېمە؟ يۇقىرىدىكى ئەرنىڭ ھەر كۈنى كەچتە ئۈچ سائەت يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئۇزۇن ۋاقىت جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا تەۋە بولۇپ، ئاسانلا بەدەندىكى مۇسكۇل تالالىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. يۈگۈرۈش جەريانىدا ھەرىكەت بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە ياكى قانۇنىيەتسىز بولسا، مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوكسىگېن يېتىشمەي، كۆپ مىقداردا كىسلاتالىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ ۋە كىسلاتادىن زەھەرلىنىش توغرا يوللۇق مۇسكۇلنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن ۋاقىت جىددىي ھەرىكەت قىلىش مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بۇ جەرياندا مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى يېرىلىپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىكى قىزىل ئاقسىل قان بىلەن بىرىكىپ پۈتۈن بەدەننى ئايلىنىپ بۆرەككە ئېقىپ كىرىپ، بۆرەك كىچىك نەيچىلىرىنى توسۇۋالىدۇ، شۇنداقلا بۆرەك كىچىك نەيچىلىرى نېكروزلىشىش، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا ھەر كۈنى چېنىقىشنى ئادەت قىلغان دوستلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، چېنىقىش چوقۇم قانۇنىيەتلىك ئىلمىي بولۇشى كېرەك. ئەگەر چېنىقىش جەريانىدا مۇسكۇل ئاغرىش، مۇسكۇل تارتىشىش، سۇلۇق ئىششىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.

ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن قارىغۇلارچە بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرىنى تاللاش، تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك. چېنىقىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. ياشلار ئۈچۈن ھەر كۈنى يېرىم سائەت يۈگۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق، ئەگەر 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا نىسبەتەن مۇۋاپىق قىسقارتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى