تەرمىلەر

قىشتا ئائىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا ، كىشىلەرنىڭ سىرتتىكى پائالىيەتلىرى نىسبەتەن ئازلايدۇ. قىشتا ئائىلىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئۈسۈۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۆپىنچە ئائىلىدە ئۆي جاھازىلىرى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولغاچقا، بالىلارغا ئۆي ئىچىدە قوغلاشماسلىق، نەرسىلەرگە ئۈسۈۋېلىپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىش كېرەك.

2. تېيىلىپ كېتىش، يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، پول بىر قەدەر تېيىلغاق بولغاچقا، سۇ تۆكۈلۈپ كەتسە ۋاقتىدا سۈرتۈپ، تېيىلىپ يىقىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىرەر نەرسە قويۇپ ئىگىز جاينى تازلىماقچى بولغاندا، قويغان نەرسىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ، يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىنادا ئولتۇرىدىغانلار، بولۇپمۇ بىنانىڭ ئەڭ ئىگىز قەۋەتلىرىدە ئولتۇرىدىغانلار، بەدىنىنى بالكون ياكى دېرىزىنىڭ سىرتىغا چىقارماسلىقى، بىنادىن چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

4. قىسىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەتۋىركە، قايچا قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلار ۋە باسما مىخ، يىڭنە مىخ قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئوبدان ساقلاش، كارىۋات، ئورۇندۇقلارغا خالىغانچە قويۇپ قويماسلىق، باشقىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى