تەرمىلەر

بەزىلەر قىشتا نېمىشقا باشقىلاردىن بەكرەك سوغۇقتىن قورقىدۇ؟

ھەر يىلى ھاۋا سوۋۇغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر قىشقا بالدۇرلا كىرىۋالىدۇ: باشقىلار تېخى كۈزلۈك كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەندە، سوغۇقتىن قورقىدىغان كىشىلەر مامۇق چاپان كىيىۋالىدۇ؛ باشقىلار مۇزدەك سۇ ئىچىۋاتىسا، سوغۇقتىن قورقىدىغان كىشىلەر قىزىق ساقلاش ئىستاكانى ئېلىپ بولىدۇ… نېمە ئۈچۈن بەزىلەر سوغۇققا ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ؟ قايسى ئادەتلەر سىزنى بارغانسېرى سوغۇقتىن قورقىدىغان قىلىۋېتىدۇ؟ قانداق قىلغاندا قىشتىن ئىسسىق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر سوغۇققا ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ؟

ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ ئايلىنىشى ئېنېرگىيەگە موھتاج. ئېنېرگىيە يېمەكلىكنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېففېكتى، ئاساسىي مېتابولىزم ۋە ھەرىكەت قىلىشىتىن كېلىدۇ. شۇڭا ئادەم ساغلام ئەھۋالدا بولسىلا، ئاچ قورساق ۋاقىتتا قورساق توق ۋاقىتقا قارىغاندا سوغۇقتىن بەكرەك قورقىدۇ، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنگە قارىغاندا سوغۇقتىن بەكرەك قورقىدۇ.

ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى ئادەمنىڭ ياش سانى، مۇسكۇل تەركىبى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، كۆپ ساندىكى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا سوغۇقتىن قورقىدۇ، ياشانغانلار ياشلارغا قارىغاندا سوغۇقتىن قورقىدۇ.

لېكىن، يېقىنقى مەزگىلدە تۇيۇقسىزلا سوغۇقتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغانلار دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى يۈرەك قان تومۇرى، ئىچكى ئاجراتما ۋە نېرۋا سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئادەمنى سوغۇقتىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

بەدەندە تۆمۈر كەملىك

بارلىق سوغۇقتىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى خەۋپ تۆمۈر ماددىسىنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە قان پىلازمىسىدىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشىدىن كېلىدۇ. تۆمۈر ماددىسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەردە ھېموپروتېئىن بىر قەدەر ئاز بولۇپ، قاننىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، توقۇلمىلارنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، بەدەندە تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلالماي، كىشىلەرنى قاتتىق توڭلىتىۋېتىدۇ.

قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق

قالقانسىمان بەزدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئازىيىپ، قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. بولۇپمۇ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كەلگەندە ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، نېرۋا قان تومۇرلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز، شۇنىڭ بىلەن بىماردا بەل، قورساق ۋە پۇت-قول مۇزلاش كۆرۈلىدۇ.

قان تومۇردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىش

تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى قېتىشىپ تارىيىدۇ، تۆۋەنكى مۈچىنىڭ قان ئايلىنىشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، پۇت-پاقالچاقلارغا ئاستا خاراكتېرلىك قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەل بولغان تەرەپتىكى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت-پاقالچاقلار سوغۇقتىن قورقۇش، پەي تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئەتراپ نېرۋىلىرىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى

دىيابېت كېسىلىدەك ئاستا خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان دىيابېت كېسىلى ئەتراپ نېرۋىلىرىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قانداق نېرۋىغا دېگۈدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرىدىن قول بارمىقى، پۇت بارمىقى ۋە تۆۋەنكى مۈچىلەر مۇزلاش، ئۇيۇشۇش، ئاغرىش قاتارلىقلار بار.

تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشى

تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەركىزى، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئورگانىزملارنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سوغۇقتىن قورقۇش، چاچ چۈشۈش، سېمىزلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دورىنىڭ ئەكس تەسىرى

مەسىلەن: قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى رېتسېپتورنى توسقۇچى دورىلار، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن پروپرانولول، مىتوپرولول، پىسولول قاتارلىقلار بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا كەڭ ئىشلىتىلىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا ئەكس تەسىرى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇيقۇسىزلىق، سوغۇقتىن قورقۇش، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار.

پاتولوگىيىلىك ئامىللاردىن باشقا، نۇرغۇن ناچار ئادەتلەرمۇ سىزنى باشقىلاردىن بەكرەك سوغۇقتىن قورقىدىغان قىلىۋېتىدۇ.

تۆۋەندىكى ئالتە ئادەت ئادەمنى بارغانسېرى سوغۇقتىن قورقىدىغان قىلىپ قويدۇ

ھەرىكەت قىلماسلىق

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەرىكەت قىلغاندا مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىكەن، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىدە ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى جىم تۇرغاندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن بەش ھەسسىسىگىچە تەڭ كېلىدىكەن. شۇڭا دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوغۇقتىن قورقۇش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

گۆشسىز تاماق يېيىش

ماينىڭ قورساق تويغۇزۇش سېزىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ، بەدەن تېخىمۇ ئىسسىق تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر گۆشنى بەك ئاز يەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، دائىم سوغۇق ھېس قىلىدۇ.

بەك چىڭ كىيىم كىيىش

چىڭ ئىشتان، چىڭ پايپاقلاردەك بەدەننى سىقىپ تۇرىدىغان تار كىيىملەر بەدەننىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇت-قول مۇزلاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۈششۈك يارىسى پەيدا بولىدۇ. تېمپېراتۇرا تۆۋەن ئەھۋالدا، ئازادىرەك، راھەترەك كىيىملەرنى تاللاش كېرەك.

سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىش

كۈز، قىش پەسىللىرىدە سوغۇق سۇ ئىچكەندە، بەدەننى سوغۇق قاپلاپ كېتىپ، سوغۇقتىن قورقۇش، سوغۇققا چىدىماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئىسسىق ساقلاشقا سەل قاراش

بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش ئېڭى كەمچىل بولۇپ بەك نېپىز كېيىنگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمى ئاستىلايدۇ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ ئاسان خورايدۇ. نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ جۇغى كىچىك كەلگەچكە، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان مۇسكۇل توپى تېخىمۇ ئاز، ماددا ئالمىشىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى يوقىتىدۇ.

تاماقنى زىيادە قىسىش

يېمەكلىك ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ئادەتتىكى ئېنېرگىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا سەرپ بولىدۇ. تاماقنى بەك ئاز يېگەندە، بەدەن ئېنېرگىيەسى يېتىشەلمەي قالىدۇ-دە، ئادەم بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، پۇت-قوللار مۇزلايدۇ.

تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئۇسۇل سىزنى قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ

ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بېرىش

پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش قول-پۇتلارنىڭ مۇزلىشىنى پەسەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، بەدەننىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. كەچ سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە ئارىلىقتا، 40 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى سۇغا پۇتنى 15-20 مىنۇت چىلىسا بولىدۇ (20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك)، سۇ ئوشۇقتىن ئۆتۈپ، بەدەندىن بىر ئاز تەر چىققۇچە چىلىنىىدۇ. چىلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال پۇتنى پاكىز سۈرتۈش ھەمدە ئىسسىق تۇتىدىغان پايپاق كىيىۋېلىش كېرەك.

قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇش

ھاۋا سوغۇق بولغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ قاتارلىقلارنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى قەنت مىقدارى تۆۋەن، ماي مىقدارى ئاز، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن، بېلىق گۆشى، توخو گۆشى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى تاللاش كېرەك.

بەدەندىكى ئالتە ئورۇننى ياخشى قوغداش كېرەك

سوغۇقتىن ساقلىنىش بولسا بوغۇملارنى قوغداش، يۈرەك قان تومۇرلىرىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. باش، بويۇن، دۈمبە، پۇت، كىندىك، تىز بوغۇمى قاتارلىق ئورۇنلارنى ياخشى قوغدىغاندا ئادەمنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك ئىسسىق تۇرىدۇ.

ھاۋا ئالماشتۇرۇش، نەملىك ساقلاش

قىش پەسلى قۇرغاق كەلگەچكە، بەدەندىكى سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشى تېز بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىغاندا، تېرە ئاسان قۇرغاقلىشىپ يېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىپ، ئادەم تېخىمۇ سوغۇق ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، قەرەللىك ھالدا سۇ ئىچىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، ئۇسسىاپ پەقەت بولالمىغاندا ئاندىن ئىچمەسلىك كېرەك.

ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش

قىش پەسلىدە ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋا ئالمىشىش كۆپ بولمىغاچقا، ئاسانلا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 18~20 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش، ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 26 سېلتسىيە گىرادۇستىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش

ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش ۋىتامىن Dنى تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ياخشىلايدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى