تەبىئەت

قارلىق كۈنلەردىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى

2018- يىلىدىكى تۇنجى قار شىمال تەرەپكە قارىغاندا جەنۇب تەرەپتە بالدۇرراق ياغدى. بۇنىڭدىن چوڭلار، بالىلارلا ئەمەس ھەتتا ھايۋاناتلارمۇ خۇشال بولۇپ، ئاپئاق قاردا باشقىچە شاد-خۇراملىققا چۆمۈشتى.
سۈرەتتىكى بولسا نەنجىڭ خوڭشەن ئورمانلىق ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇن تاغنىڭ ئۈستى بولۇپ، پال كۆز مايمۇنلار زوق – شوخ بىلەن قار ئوينىماقتا.

مايمۇن، قىزىل قانات قۇش، چوڭ مۈشۈكئېيىق، تۆگە، بۆرە، قوتاز، يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلار بۇنداق قار ياغقان كۈنلەردە «ئالاھىدە ئوماق» ھايۋانلارغا ئايلانغان. بۇلار ئادەمنىڭ تولىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. سۈرەتتىكى قىزىل قانات قۇش ئاپئاق قار بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ بەئەينى بىر پارچە رەڭلىك سۇ رەسىمگىلا ئوخشاپ قالغان. رەڭ سېلىشتۇرمىسى تولىمۇ كۈچلۈك كۆرۈنگەن.

بۇ سۈرەتتىكى بولسا قاردا ئويناۋاتقان تۆگە.

سۈرەتتە لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىغا تىكېلىپ قاراپ تۇرغان شەرق شىمال يولۋېسى

قارلىق يەرلەردە يېمەكلىك ئىزلەپ مېڭىۋاتقان ھايۋاناتلار خۇددى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان دۇنيادىكى مۇئەككەللەرگە ئوخشاپ قالغان.

قاردىن كېيىنكى ھايۋاناتلار باغچىسىدا، چوڭ مۈشۈكئېيىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دوستى بىلەن ئەپلىشىپ قالغان. بىر جۈپ مۈشۈكئېيق قار ئۈستىدە دومىلاپ خۇشال- خۇرام ئويناشقان. ئويناپ ھارغاندە داۋاملىق شېكەر قومۇش يەپ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ھەرخىل قىلىقلارنى چىقىرىپ ئويناشقان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى