تەبىئەت

بېنگال يولۋىسى بىلەن ئافرىقا شىرى تۇتۇشۇپ قالسا قايسىسى يېڭىدۇ؟

 

يولۋاسنىڭ شىرغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، شىر پەقەت ئافرىقىنىڭ چوڭ يايلاقلىرىدا ياشايدۇ، شۇڭا شىر «يايلاق شاھى» دەپ ئاتىلىدۇ، شىرغا قارىغاندا يولۋاسنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، سوغۇق سىبېرىيەدىن تارتىپ ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىغىچە يولۋاسنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يولۋاسنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامىنى سىبېرىيە يولۋىسى، بۇ يولۋاس دۆلىتىمىزدە يەنە «شەرقىي شىمال يولۋىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سانى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى كەڭ بولغىنى بېنگال يولۋىسى، شۇنداقلا يولۋاس ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تۈر.

ئەگەر بىز سىبېرىيە يولۋىسى بىلەن ئافرىقا شىرى تۇتۇشۇپ قالسا، دەپ پەرەز قىلساق ئۇنداقتا بۇ «كۈچلۈكلەرگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش» بولىدۇ، نېمىلا دېگەن ئىككىسى يالغۇز ئېلىشىپ قالسا ئافرىقا شىرى ھەرگىزمۇ سىبېرىيە يولۋىسىنىڭ رەقىبى بولالمايدۇ، ئۇنداقتا، ئەگەر بېنگال يولۋىسى ئافرىقا شىرىغا ئۇچراپ قالسا، كىم ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ؟ بۈگۈن بىز بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ باقايلى!

ھايۋاناتلار ئالىملىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ياۋا بېنگال يولۋىسىنىڭ سانى 4000 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى ھىندىستان ھايۋانات باغچىسىدا بېقىلىۋاتقان، قالغانلىرى دالىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، بېنگال يولۋىسىنىڭ ياشاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەپ، ھايات كەچۈرۈشى كەسكىنلىشىپ كېتىپ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە بېنگال يولۋىسىنىڭ ياۋايىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ بەك ياۋۇزلىشىپ كەتكەن.

بېنگال يولۋىسىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئېغىرلىقى ئەڭ چوڭ بولغاندا 260 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، بېنگال يولۋىسىنىڭ ئوۋلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن ياۋۇز بولۇپ، بارلىق جانلىقلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئامان قالمايدۇ، بەدەن شەكلى غايەت زور ئاسىيا پىلى بولغان تەقدىردىمۇ، بېنگال يولۋىسىغا يولۇققاندا تەھدىت كۈچىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى تاللايدۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بېنگال يولۋىسىنىڭ ياۋۇزلۇق دەرىجىسى بۇلغارىيە يولۋىسىدىنمۇ كۈچلۈكرەك بولۇپ، ھايۋاناتلار ئالىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك تۈر دەل بېنگال يولۋىسى ئىكەن.

بېنگال يولۋىسىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى كەركىدان، ئاسىيا پىلى، قاپلان ۋە بوغما يىلان قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ھايۋانلار باشقا گۆشخور ھايۋانلارغا نىسبەتەن پەقەت يېمەكلىك كەمچىل بولمىسىلا سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار بېنگال يولۋاسىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ھەتتا نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىپ مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.

تۆۋەندە بىز ئافرىقا شىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى: ئافرىقا شىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 250 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، بۇ نوقتا بېنگال يولۋىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، ئافرىقا شىرى بىلەن بېنگال يولۋىسى تەڭلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئافرىقا شىرى بېنگال يولۋاسىدىن كۆپ ئاجىز.

ئەگەر ئۇلار يەككە ھالەتتە تۇتۇشۇپ قالسا، بېنگال يولۋىسىنىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى %90 تىن يۇقىرى بولىدۇ، بىراق ئافرىقا شىرى توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان، ئۇلار سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلىغاندىمۇ توپلىشىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ، شۇڭا ئەگەر بىر بېنگال يولۋىسى بىر توپ ئافرىقا شىرىغا ئۇچراپ قالسا، بېنگال يولۋىسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر توپ ۋەھشىي رەقىبلەرنىڭ چىشلەش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە، تەبىئەت دۇنياسىدا، يولۋاس بىلەن شىرنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلا ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئېلىشىپ يۈرمەيدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ «تاماق تىزىملىكى»دە ئەمەس، ئىنسانلارمۇ ئۇلارنى جەڭگە سېلىپ ئۇلار ئۈستىدە تەجرىبە قىلمايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، بۈگۈنكى كۈندە، يولۋاس بىلەن شىر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان قوغدىلىدىغان ھايۋانلار، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغىنى يەنىلا ئىنسانلاردۇر.

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى