ۋوردپرەس

ۋوردپرەس سۈرئەت تېزلىتىش

ۋوردپرەس سۈرئەت تېزلىتىش

سالام تورداش:

شەخسەن ئۆزۈم ۋوردپرەس ھەۋەسكارى بولغاچقا كىشىلەرنىڭ ۋوردپرەسنى كېلەڭسىز سۈرئىتى ئاستا دېسە ئۇنىڭ بىلەن راسا بىر مۇنازىرىلەشكۈم كېلىدۇ .

بىراق ئۇنىڭمۇ دېگىنى توغرا ۋوردپرەسنى ئورنىتىپلا ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا سۈرئىتى ھەقىقەتەن ئاستا بولۇپمۇ كەينى بەتنىڭ قوزغىلىشى ئالاھىدە ئاستا شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تورداشلار ۋوردپرەس تۈگىشىپتۇ ، بولمايدىكەن قېتىۋالىدىكەن …..

دېگەندەك ھەرخىل پىكىرلەرنى ۋە مۇلاھىزىلەرنى قىلىشىدۇ . ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟ يولداشلارنىڭ خەنچە بىلوگلىرى نېمىشقا شۇنچە راۋان ۋاش-ۋاش ماڭىدۇ ؟

مەن شۇلارنى ئويلاش ئارقىلىق ۋوردپرەستىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەسلىكنى تاللىدىم ، ھەمدە توردىن بولۇپمۇ يولداشلارنىڭ خەنچە بىكەتلىرىدىن كۆپلەپ ماتېريال كۆرۈش ھەمدە ئېنگىلىسچە مەنبەلەردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەپلىرىنى ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىقتىم .

مەن تۆۋەندە  بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سۆزلىمەكچىمەن .

ۋوردپرەس يۈكلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى ئاساسلىق باش جىنايەتچى گۇگۇل خەت نۇسخىلىرى بولۇپ بولۇپمۇ كەينى سەھنىنىڭ ۋە بىر قىسىم گۇگۇل فونتتى ئىشلىتىلگەن قىستۇرما ياكى ئۇسلۇبلاردا گەۋدىلىك بولىدۇ . چۈنكى رايونىمىزدا گۇگۇل مۇلازىمەتلىرى نورمال ئىشلىمەيدۇ . ياكى ئېچىلمايدۇ .

بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بولسا گۇگۇل فونتتىنى چەكلەش كېرەك . ئەلۋەتتە بۇنى بىۋاستە يادرولۇق ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەش ياكى ئايرىم كود قىستۇرۇش ۋە ياكى گۇگۇل فونتتىنى بېكىتىڭىزگە يۈكلەش ئارقىلىقمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ .

بىراق مەن ھەممىنى سىناپ باقتىم ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكلىرىمۇ بار ئىكەن . شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىر كۈنۇپكىلا بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ياقتۇردۇم . بۇنى قىستۇما ئارقىلىقلا ھەل قىلىمىز…

ۋوردپرەسنىڭ كەينى باشقۇرىشىدىن ئورگان تەرەپنىڭ قىستۇرما بازىرىغا كىرىپ بۇنى قىستۇرمىنى ئىزدەپ تاپىمىز !

QQWorld Speed for China

downloads.wordpress.org/plugin/qqworld-speed-4-china.zip

بۇنى بىلوگىمىزغا ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن قوزغىتىمىز ھەمدە تەڭشەش بېتىگە كىرىپ تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز . تىلى ئېنگىلىزچە ئەسلىي قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قوياي دېگەنىدىم بىراق بۇنى پەقەت بىر قېتىملا تەڭشەپ قويساقلا بولىدۇ ئادەتتە بەك ئېچىپمۇ كەتمەيمىز شۇڭا تەرجىمە قىلىشنى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ ئويلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىدىم بىراق مەن سىزگە چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىمەن . 

قىستۇرمىنى قوزغىتىپ مۇشۇ پېتىلا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ . بۇ مەن ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ ياخشى ھالەت ، ئەگەر ئېنگىلىزچىنى بىلسىڭىز ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ . 

خوش بۇ مەشغۇلاتلار ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا ئەمدى يەنە بىر قىستۇرما غەملەك قىستۇرمىسى قالدى . غەملەك قىستۇرمىسى بىلوگىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قىستۇرما بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى بېكىتىڭىزدىكى ماتېرياللارنى ئالدىنئالا غەملىۋېلىپ (كودلاشتۇرۋېلىپ) زىيارەتچىلەر كەلگەندە تىز سۈرئەتتە شۇنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ رولى كۆپ مەن بۈگۈن غەملەك ئۈستىدە تەپسىلى توختالمايمەن ، ئۆزىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ !

بۇ قىستۇرمىنىڭ نامى

PhastPress

downloads.wordpress.org/plugin/phastpress.1.114.zip

بۇنى بىلوگىڭىزغا ئورنىتىپ بولۇپلا پەقەت قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . چۈنكى بۇ قىستۇرما ئەقلىيلەشتۈرۈلگەنىكەن .

 

بۇنىغا قارىتا ھېچقانداق تەڭشەش قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . پەقەت قوزغىتىپلا قويۇڭ .

بۇ ئۇلانمىغا ئەگىشىپ ساندان ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمىسىنىمۇ ئورنىتىپ پات-پات سانداننى ئەلالاشتۇرۇپ تۇرۇڭ…

ساندان تازىلىغۇچ

مانا قاراڭ ئاددىيمىكەن …

ھە …. راست يەنە بىر مەسىلە بوشلۇقنىمۇ تاللىغاندا ئامال بار ياخشىراق بوشلۇقنى تاللاڭ ! مۇلازىمېتىرىڭىز ياخشى بولمىسا يەنىلا سۈرئەت ئاستا بولۇپ قالىدۇ  . 

ئەگەر بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز سۆز قالدۇرۇڭ…

بىز ھەممىمىز سىزگە ياردەم قىلىمىز… سىز ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس !

تامام

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

2 باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى