جۇغراپىيە

دىغار يېزىسى

 دىغار يېزىسى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

دىغار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى  ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇب بۇرجىكى بىلەن بولغان ئارلىقى 65 كىلومېتىر، شىمال تەرىپى لۈكچۈن بازىرى بىلەن، غەربى دالانكارىز بىلەن، شەرقتە قۇمتاغ بىلەن تۇتاشقان. لوپنۇر كۆلىگە ۋە كانغا كىرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كەنت.

دىغار يېزىسىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، ئۈزۈم، قوغۇن ئاساس بار، جەنۇبىي تاغ كان رايونىدا بىر قەدەر مول بولغان كان بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى، مەرمەر تاش، مىس، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.

پىچان ناھىيەسىدىكى دىغار يېزىسىدا يېزا بويىچە خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانى 230 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە پىچان ناھىيىسى دىغار يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى  خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى 51، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان خادىملار 10غا يەتكەن، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ نۇپۇسى 7107 ئادەم، ساپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئائىلە سانى 1412 ئائىلىلىك، بۇنىڭ ئىچىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2450 نەپەر، ئەرلەر 1633 ئادەم، ئاياللار 817 كىشى، ئالىي تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكىلەر 181 ئادەم، ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكىلەر 328 ئادەم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكىلەر 2003 ئادەم.

 دىغار يېزىسى قارمىقىدا دىغار كەنتى، كارىز كۆل كەنتى، تۆت كارىز كەنتى، يۇرمېن كەنتى، يېزا كارىزى كەنتى قاتارلىق بەش مەمۇرىي كەنت، 24 تەبىئىي كەنت، 11 پونكىت، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر دېھقان-چارۋىچىلار مەكتىپى، ئىككى « قوش تىللىق » بالىلار باغچىسى بار.

پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي سانى 14، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ياچېيكا ئەزاسىنىڭ سانى 13، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پارتىيە ياچېيكا ئەزاسى بىر، بۇنىڭ ئىچىدە « بەشتە ياخشى » كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بەش، « تۆت ياخشى ئامما رازىي پونكىت» ئۈچ، «بەشتە ياخشى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى » ئىككى، يېزىنىڭ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى 6 ئادەم، ئەزاسى 12 ئادەم، پارتىيە ئەزاسى  366 ئادەم.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى