جۇغراپىيە

تۇيۇق يېزىسى

تۇيۇق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا.

تۇيۇق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. ئىدىقۇت تېغى جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 46 كىلومېتىر، كۆلىمى 2000 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاھالە نوپۇسى 21 مىڭ ئادەم. ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 90 نى ئىگەللىگەن.

يېزا ئىگىلىكى ۋە باقمىچىلىقنى ئاساس قىلغان، تاغنىڭ شىمالىيدىن ئاشلىق، پاختا، شەننەن ئۈزۈم، قوغۇن كۆپ چىقىدۇ، ناھىيە بويىچە ھۆل – قۇرۇق ئۈزۈم، قۇمۇل قوغۇنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى. قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن تۇيۇق مىڭئۆيلىرى، ئەمىنىيە – يېغىلىق دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ بىرى بولغان مازار ( گۈمبەز ) بار.

مىڭ سۇلالىسى ۋەنلى سەلتەنىتىنىڭ 16 – يىلى ( 1588-يىلى )  قېزىلغان خۇ كارىزى، زېرىپ كارىزى ( قۇدۇق ) قاتارلىقلار بار. ئىدىقۇت تېغى شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ يېزىغا قاراشلىق سۇ بېشى كەنتىدە، 312 دۆلەت يولى كەنت ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، كەنت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنى يالقۇنتاغ ئايرىپ تۇرىدۇ، تارىختا تۆشۈك ئېچىلغان بولسىمۇ بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان.

1992 – يىلى قىشتا، پىچان ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت بىلەن تۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم شىسىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، بۇ يېزىغا يول ئاچقان.

 1959 – يىلى نامى « قىزىل يۇلتۇز » گۇڭشېسى بولغان.

1978 – يىلى نامى تۇيۇق گۇڭشې بولغان.

1984 – يىلى يېزىلىق ھۆكىمەت قۇرۇلغان.

« تۇيۇق » ئۇيغۇر تىلىدا « راۋان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.

تۇيۇق يېزىسى قارمىقىدا سۇبېشى كەنتى، مازار ئالدى كەنتى، يېڭىمەھەللە كەنتى، تۇيۇقشا كەنتى، ياڭخى يۇقىرى كەنتى، ياڭخى كەنتى، تۇڭگانكارىز كەنتى، چىگە كارىز كەنتى، پەنجانكارىزى كەنتى، جيەنتانكارىز كەنتى، زېرىپ كارىزى كەنتى، يالقۇن تاغلىق كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىق 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى