جۇغراپىيە

تۈۋەت يېزىسى

تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۇەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.

جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۈەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال

 تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 

يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرى كەنت بار. ئۇلار : تۈۋەت كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سوپلا كەنتى، توقماقكەنتى، سېرىغتوغراق كەنتى، مۇغال كەنتى، چاۋاغ كەنتى، سايات كەنتى، كۆتىرەم كەنتى، ئوي كەنتى، قۇمبۇي كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، خانلىقئېرىق كەنتى، سۆگەتلەك كەنتى، ھەلدوس كەنتى، ئاياغئەسكى كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ناغرا كەنتى، ئوجۇنئېرىق كەنتى قاتارلىقلار. 

تۈۋەت يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل  177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.

تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.  دېھقانچىلىق رايونى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى