جۇغراپىيە

دۇڭبازار خۇيزۇ يېزىسى

دۇڭبازار خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

دۇڭبازار خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، جەنۇبى دۆلەتلىك داڭلىق مەنزىرىلىك قۇمتاغ قۇملۇق رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى پىچان يېزىسى بىلەن، شىمالىي قورغان چېگراسى بىلەن تۇتاشقان، مۇھىتى ئىللىق، ئۇيغۇر، خۈيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر مىللىي يېزا.

يەر شەكلى نىسپىي تەكشى، تېمپېراتۇرا ئۆرلەش-چۈشۈشى تەكشى، سوغۇق نەم ھاۋا بىر قەدەر ئاز بولغان ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئاساسلىق ئۈستۈنلۈكى قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، تېمپېراتۇراسى يۇقىرى، شامال كۆپ، ھۆل – يېغىن ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، لېكىن سۇ بايلىقى نىسبەتەن يېتەرلىك. ئۈزۈم، كېۋەز، تاۋۇز، چىلان، كۆكتات قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر كۆپ چىقىدىغان جاي.

دۇڭبازار خۇيزۇ يېزىسى قارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى : كېيىنكى لياڭ كەنتى، ئالدى كوچا كەنتى، تاۋا كەنتى، ھىزلا كەنتى قاتارلىقلار بار.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى