جۇغراپىيە

لەمجىن بازىرى

لەمجىن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ غەربىگە، ناھىيە بازىرىدىن 21.8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

لەمجىن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيىسىنىڭ غەربىگە، ناھىيە بازىرىدىن 21.8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

شەرقىي پىچان يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى تۇيۇق يېزىسى سۇبېشى كەنتى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي تەرىپى ئىدىقۇت تېغى ( يالقۇنتاغ) بىلەن، شىمالدا لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن تەڭرىتاغ بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، « 312 » دۆلەت يولى ۋە ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، ئومۇمىي كۆلىمى 2400 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 300~ 400 مېتىر كېلىدۇ.

 لەمجىن بازىرى ئۈزۈم تېرىقچىلىقىنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان يېزا ئىگىلىك بازىرى، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئۈزۈم تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى.

لەمجىن بازىرى 1958-يىلى، قىزىل بايراق خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، 1984-يىلى قايتىدىن لەمجىن يېزىسى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1994-يىلى، لەمجىن بازىرى لەمجىن يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

لەمجىن بازىرى تەۋەسىدە 12 مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللە، بىر چارۋىچىلىق ئەترەت، 61 تەبىئىي كەنت، جەمئىي نوپۇسى 33520 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 29607 ئادەم، ئۇيغۇرلار 27239 ئادەم، %81.3 ىنى ئىگەللىگەن، بازارلىق پارتكوم قاراشلىق ئورۇنلار: بىر پارتىيە باش ياچېيكىسى، 32 پارتىيە ياچېيكىسى، 1028 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان، چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى 615 ئادەم، دېھقان – چارۋىچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 2.2 ىنى ئىگەللىگەن، ئايال پارتىيە ئەزاسى 333 ئادەم، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى 32 ئادەم بولغان. بازار بويىچە جەمئىي « ئۈچ پېشقەدەم » لەر 101 نەپەر. ياچېيكا قۇرۇش ھەمدە تەۋەلىك بازارلىق پارتكوم باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى تۆت پونكىت، 12 مەمۇرىي كەنت بار.

بازار بويىچە جەمئىي 75 دىنىي سورۇن، بۇنىڭ ئىچىدە خىرىستىيان دىنى سورۇنى بىر، 74 نەپەر دىنىي زات، جەمئىي ئالتە مەسچىت بار، ناھىيە دەرىجىلىك « قوش بەشتە ياخشى » مەسچىت  بولۇپ باھالانغان، 16 مەسچىت بازار دەرىجىلىك « قوش بەشتە ياخشى » مەسچىت بولۇپ باھالانغان.

بازار بويىچە جەمئىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ 14، بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ 10، مىللىي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3، خەنزۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، بىر يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى، شىپاخانا بىر، يەككە شىپاخانا بىر. پۈتۈن بازاردىكى « 10 يۇلتۇزلۇق » مەدەنىيەتلىك ئائىلە 1002 گە يەتكەن، ئومۇمىي سانىنىڭ %12.79 نى ئىگەللىگەن.

لەمجىن بازىرى، ئۈزۈم تېرىشنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان يېزا ئىگىلىك بازىرى، تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسلىق ئۈزۈم تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37052 مو، ئۈزۈم تېرىش كۆلىمى 3.33 مىڭ مو.

2007-يىللىق پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 290 مىليون يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5054 يۈەنگە يەتكەن.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى