جۇغراپىيە

تۇمشۇق بازىرى

تۇمشۇق بازىرى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.

تۇمشۇق بازىرىتۇمشۇق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە، تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، قۇمئېرىق دەرياسى شىمال، شەرقتە توخولا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساۋاپچى چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى قۇمئېرىق دەرياسى ئارقىلىق جىگدە چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن بازار يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئىگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس، تار شەكىللىك بەلباغسىمان تارقالغان، ئونسۇ ناھىيەسى مۇقەددەس دەرەخ باغچىسىغا تۇتىشىدىغان مۇھىم جاي. پۈتۈن بازارنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 33 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 24 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 473.2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . پۈتۈن بازاردىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 39 كىلومېتىر، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى چېگراسىغا تۈز سىزىق ئارىلىقى پەقەت 60 كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى تەۋەلىكىدە ئون مەمۇرىي كەنت، 40 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، ھازىرقى نوپۇسى 2390 ئائىلە، 11 مىڭ 226 كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلار . قىرغىز، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق بەش مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 95 تىن ئاشىدۇ.

1958-يىلى تۇمشۇق گۇڭشېسى بولۇپ  قۇرۇلغان، 1984-يىلى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن . ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 29 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، ئۆرۈك قېقى، نوقۇت قاتارلىقلار بار. تەۋەسىدە “قۇرمىش ئاتام مازىرى ناملىق مەنزىرىسى گۈزەل ، داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بار. يېزا تەۋەسىدە ئاپتونوم رايون ھەمكارلىقىدا ياسالغان يېڭىشەھەر سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە ساۋاپچى چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. 

تۇمشۇق بازىرىيېزىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى : تۇمشۇق كەنتى، يۇقىرىقى تاغاق كەنتى، تۆۋەنكى تاغاق كەنتى ، يۇقارقى توقاي كەنتى، تۆۋەنكى توقاي كەنتى، كۈز كەلدى كەنتى، يۇقىرىقى سېرىم كەنتى، تۆۋەنكى سىرىم كەنتى، لەڭگەر كەنتى، پاۋانلا كەنتى.

قۇرمىش ئاتام مازىرى ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تەخمىنەن 1700 مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مو، «  باياۋاندىكى مەرۋايىت » دەپ ئاتالغان. بۇ چەكسىز بولغان بوستانلىق، سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، قويۇق دەرەخ سايىسى، قۇشلار  ۋىچىر – ۋىچىر سايرىشىپ تۇرىدۇ، گۈزەل ۋە سىرلىق بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى