ساغلاملىق

ياشانغانلاردىكى بەل، پۇت ئاغرىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

See the source image

     بەل-پۇت ئاغرىش ياشانغانلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپرەك يول يۈرگەندە ئېغىرلىشىپ، ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالسا ياخشىلىنىپ قالىدۇ. ئەمما قىسمەن ياشانغان كىشىلەردىكى بەل، پۇت ئاغرىش ئارام ئېلىش بىلەن توختاپ قالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى كىشىلەر كۆپىنچە سوغۇق تېگىپ قالغانلىقتىن ياكى ئورگانىزىمغا كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن بولغان، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋال يالغۇز سوغۇق تېگىپ قېلىش ياكى كالىتسىي يېتىشمەسلىكتىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ياشانغانلاردا بولىدىغان ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

    ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ياشانغانلاردا بولىدىغان بەل، پۇت ئاغرىش، پەي تارتىشىپ قېلىش ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ پەيدىنپەي قېتىشى تۈپەيلىدىن قان تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ، قاننىڭ ئېقىشى راۋان بولمىغانلىقتىن، ئورگانىزىمدا ماددا ئالمىشىىشتىن ھاسىل بولغان قالدۇق ماددىلار ئۆز ۋاقتىدا چىقىپ كېتەلمەي، يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ قىىسقارتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال بەل، پۇت ئاغرىش ۋە پەي تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. گەرچە سوغۇق تېگىش، كالىتسىينىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ ياشانغانلاردا بەل، پۇت ئاغرىشنى، پەي تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، ئەمما ئارتېرىيە قاتقانلىق سەۋەبىدىن بەل، پۇت ئاغرىش نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالىغاندا بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى ئايرىۋەتمەسلىك، قوشۇپ داۋالاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

    يەنە بىر تەرەپتىن ياشانغانلاردا بەل، پۇت ئاغرىش ياكى پەي تارتىشىش كۆرۈلسە، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، مۇۋاپىق مىقداردا كالىتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىىتتا ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئارتۇقچە ئىسسىقلىق  ئېنېرگىيەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە چەكلەش، بېلىق، شورپا قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ۋە يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش، شۇنداقلا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلەتكۈچى، قان تومۇرلارنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى ۋە كالتسىي ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى