تەرمىلەر

ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەر

See the source image

ھەر قانداق بىر جانلىق ياكى شەيئىي بارلىققا كېلىش ۋە يوقۇلۇش (ئۆلۈم) باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، بىراق ئۆلۈم ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قەدەر قورقۇنچلۇق ئەھۋال، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ يەنىلا ئۇنى ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشىنىپ قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

1. ئىنسانلارنىڭ قازا قىلغۇچىلارنى يەرگە كۆمۈش تارىخىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا 200 مىڭ يىل بولۇپ قالدى، ئەڭ دەسلەپتىكى قەبرىستانلىق ئىسپانىيە ئاتتا ۋە ۋالېس (Attaand Wales) تىكى پونتنېۋىيىد (Pontnewydd) ئۆڭكۈرىگە جايلاشقان.

2. بىزنىڭ قېرىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە يەنىلا بىر سىر. بىراق كۆپىنچە جانلىقلار قېرىپ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.

3. ئۆلۈم (Mortality) بىلەن ئادەم  (Mortal) دېگەن سۆزنىڭ ئىككىلىسى ئوخشاشلا لاتىن يېزىقىدىكى Mors دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ئۆلۈمدۇر. (يەنى ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ، دېمەكچى. ت)

4. يەر شارىدا تارىختىن بۇيان تەخمىنەن 108 تىرلىيون ئادەم ياشاپ ئۆتكەن ۋە ياشاۋاتىدۇ، بۇ ئادەملەرنىڭ %93.5 ى ئۆلۈپ بولدى، ھازىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ سانى يەتتە مىليارد.

5. كوتارد ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Cotard syndrome) گە گىرىپتار بولغان ئادەم ئۆزىنى ئۆلگەن دەپ قاراپ قالىدۇ.

6. دۇنيانىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش ئادەتكە ئايلانغان، بۇنداق ئەھۋالدا تازقارىلار ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى يەپ كېتىدۇ. بىراق يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تازقارىلارنىڭ سانى بەكلا ئازلاپ كەتتى ھەم ئۈزلۈكسىز ئازلاۋاتىدۇ.

7. يۈرەك كېسىلى ئىنسانلار ئۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى.

8. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ياشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قاتناش ۋەقەسى.

9. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ياش قىز-چوكانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تۇغۇتى تەس بولۇش.

10. نوپۇس ماتېرىيالى ئىدارىسى (Population Reference Bureau) ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ پەرەز قىلىشىچە، ھەر يىلى ھەر مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە سەككىزى ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

11. ھەر يىلى تەخمىنەن 55 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئۆلىدۇ، ھەر كۈنى 151 مىڭ 600 مىڭ ئادەم ئۆلىدۇ، ھەر سائەتتە 6316 ئادەم ئۆلىدۇ، ھەر بىر مىنۇتتا 105 ئادەم ئۆلىدۇ،ھەر بىر سېكۈنتتا ئىككى ئادەم ئۆلىدۇ.

12. ھەر بىر سېكۈنتتا تۇغۇلغان ئادەم سانى ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر.

13. ھەر يىلى تەخمىنەن 55 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئۆلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 9 مىليون 500 مىڭى جۇڭگولۇق.

14. مومىيا ياكى <جەسەت> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بىر قىسىم ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسىتىگە سۈركىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا جەسەتنى بىر قانچە يىل ساقلىغىلى بولىدۇ.

15. ئادەم بەدىنى قان چىقىپ ئۈچ سائەتتىن تۆت سائەتكىچە قېتىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بەدەندىكى بىر قىسىم خىمىيىلىك ماددىلار مۇسكۇللارنى قىسقارتىدۇ.

16. جەسەتنىڭ قېتىشىپ قېلىشى 36 سائەتتىن كېيىن بوشىشىدۇ.

17. قانۇن دوختۇرلىرى ئوخشاش بولمىغان قۇرتلار جەسىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، شۇ قۇرتنىڭ قاچان ئۆلگەنلېكىنى بىلەلەيدۇ.

18. بەدەندە ھەر كۈنى تەخمىنەن 50 مىليارد ھۈجەيرە ئۆلۈپ تۇرىدۇ.

19. مېڭە ھۈجەيرىسى يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن ئۆلىدۇ، بىراق تېرە ھۈجەيرىسى يەنە 24 سائەت ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ.

20. مېڭىسى ئۆلۈش دېگىنىمىز چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

21. ئۈچەيدە زور مىقداردا ھەزىم قىلىش مىكروبلىرى بار، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ھۈجەيرىلەر داۋاملىق ساقلىنىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ ھۈجەيرىلەر ئۈچەي توقۇلمىسىنى ھەزىم قىلىشقا باشلايدۇ، ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەنگە يامرايدۇ.

22. قول ۋە پۇتنىڭ تىرناقلىرى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۆسىۋىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئەتراپتىكى تېرىلەر قۇرۇپ كەتكەن ياكى قىسقىراپ كەتكەن بولغاچقا، تىرناق ئۆسكەندەك كۆرۈنىدۇ.

23. ئۆلۈمدىن تۆت كۈن كېيىن، جەسەت خۇددى شاردەك كۆپىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بەدەن ئىچىدىكى ماددىلار ھەزىم قىلىنىش جەريانىدا چىققان يەل ۋە سۇيۇقلۇق سەۋەبىدىندۇر.

24. تەكشۈرۈپ بايقىلىشىچە، %50 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيەلىك قايتا دۇنياغا كېلىشكە ئىشىنىدىكەن.

25. بەدەندىكى قانلار قېتىشىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئادەم ئۆلۈپ 20 مىنۇتتىن كېيىن بەدەنلىرى كۆكۈرۈپ كېتىدۇ.

26. ئادەم ئۆلۈپ 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە بەدەندىكى بىر قىسىم كۆكلەر يوقايدۇ.

27. بەزى جانلىقلار ئۆلمەيدۇ، ياكى قېرىپ ئۆلمەيدۇ، مەسىلەن مىدوزا.

28. <ئۆلۈم> ھېسىياتى بەلكىم دوپامىن ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى