تەرمىلەر

ئېرىڭىزنى ئوغلىڭىزنى تەنقىدلىگەندەك تەنقىدلىمەڭ

See the source image

تۇرمۇشتا دائىم مۇنداق كۆرۈنۈشلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ئاۋات كوچىدا ئايالى تەپ تارتماستىن ئېرىنى چۈشۈرۈۋاتقان؛ كۆڭۈللۈك ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا، خوتۇنى ئېرىنى قاچا يۇيمايدۇ، پولنى سۈرتمەيدۇ، پايپىقىنى رەتلىك قويمايدۇ، ئادەمگە كۆيۈنمەيدۇ، دېگەندەك «ناچار ئىللەتلەر»نى ساناپ تۈگىتەلمەيۋاتقان، قېشىدا ئولتۇرغان ئېرى يۈزلىرى شەلپەردەك قىزارغان ھالدا ھىجىيىپ گەپ قىستۇرالماي ئولتۇرغان… بۇنداق چاغلاردا بەزى ئەرلەر: ئاياللار ئەر كىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قىلمىسا قانداق قىلغۇلۇق دېيىشى، مۇمكىن.

باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلىمايدىغان بۇ خىل ئاياللار خىزمەتدىشى، دوستى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنى خۇددى بالىسىنى تەنقىدلىگەندەك تەنقىدلەيدۇ. پىسخىكىدا ئۇلار«ئانىلىق خاراكتېرى» كۈچىيىپ كەتكەنلەر دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ 30 دىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشقا ئەرلەردىن بەكرەك زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرلەرنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىگە، پايپىقىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرغان-ئالماشتۇرمىغانلىقىغا، كۆرۈپ بولغان گېزىت-ژۇرناللىرىنى جايىغا قويغان-قويمىغانلىقىغا، مۇنچىغا چۈشمىگىنىگە قانچە كۈن بولغانلىقىغا، ھەتتا پۇتىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغانلىقىغا نەچچە كۈن بولغانلىقىدەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەسكەرتمىسىگە قۇلاق سالمىسا، ئاياللارنىڭ كوتۇلدىشى باشلىنىدۇ، ھەتتا بۇ دوستلارنىڭ سۆھبەت مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئىككى خىل رولىنى ئالماشتۇرۇۋېلىشىدىن پەيدا بولغان. ئانىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ئاياللار بالىسىنىڭ ساغلام، ئېرىنىڭ ئىقتىدارلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق بۇ ئىككى خىل رولىنى ئېنىق پەرىقلەندۈرەلمىگەنسېرى، بالىغا بولغان تەربىيەنى ئېرىگە قىلىشقا باشلايدۇ. ئېرىنى خۇددى بالىسىدەك كۆرۈپ، مۇۋاپىق بولمىغان سورۇنلاردا ئىختىيارسىز ھالدا يۈز-خاتىرە قىلماي تەنقىدلەۋېرىدۇ.

بۇنداق ئاياللار ئېرىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ھەم كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالايدىغان «چوڭ بالا» دەپ قارىشى، گەرچە پايپىقىنى ۋاقتىدا يۇيالمىسىمۇ، گېزىت-ژۇرناللارنى ئورنىغا قويالمىسىمۇ، تىرنىقىنى ۋاقتىدا ئالالمىسىمۇ ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرۈشى كېرەك. ئېرىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىشىڭىز، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى چوڭايتىپ، كەمچىللېكىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنى كەڭ  قورساقلىق بىلەن ياخشى كۆرۈپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، كەمچىللىكلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز، سورۇن تاللىماي ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ئادىتىڭىزنىمۇ ئاستا-ئاستا چۆرۈپ تاشلىيالايسىز.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى