يېمەك-ئىچمەك

بەرەنگىنىڭ شىپالىق رولى ئۇنى قانداق ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەرەنگى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك. كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەمىنى ياقتۇرۇپلا قالماي يەنە، ئۇنى مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، بەرەنگىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى راستىنلا شۇنداق يۇقىرىمۇ ؟ ئەلۋەتتە، يېيىش ئۇسۇلى بەرەنگىنىڭ شىپالىق رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يېڭى بەرەنگى تەركىبىدە %1.5 ~ %2 گىچە ئاقسىل بار، مۇشۇ ئېغىرلىق بويىچە ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن %6 ~ %8 گىچە بولۇپ، گۈرۈچكە يېقىنلىشىدۇ.

بەرەنگى تەركىبىدە كالىي ئىنتايىن مول، ھەر 100 گىرام بەرەنگى تەركىبىدە 200 ~ 400 مىللىگىرام كالىي بولۇپ، شاڭجياۋدىنمۇ يۇقىرى.

بەرەنگىنى پىشۇرغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C كۆپ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى بەرەنگى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كىراخمال بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىتامىن C نى قوغداش رولى بار.

بەرەنگىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا مۇنداق ئېيتىلىشلار بار: بەرەنگىنى داغلاپ يېگەندە قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولىدىكەن. دۈملىگەندە قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىشى تېز بولىدىكەن.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى