جۇغراپىيە

كۆكسۇ ئارىشىڭى

كۆكسۇ ئارشىڭى تېكەس ناھىيە بازىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكسۇ دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى مەنزىرىلىك كۆكساي ئېغىزىغا جايلاشقان.

بۇ ئارىشاڭ سۈيىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل مىنىرال ماددىلار بولۇپ، ھەر خىل تېرە كېسەللىرىگە شىپا بولغاندىن سىرت، قان تومۇر قېتىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، تۈرلۈك ياللۇغلىنىش ۋە رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. بۇ ئارشاڭ سۈيىنىڭ ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرسى 37، 38 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېكەس ناھىيەسى كۆكسۇ ئارشىڭىنىڭ ئالاھىدىلېكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىن كېلىدىغان داۋالانغۇچىلارنى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ شارائىتىنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلىغان. ناھىيە بازىرىدىن ئارشاڭغىچە بولغان تاش يولنى راۋانلاشتۇرغان. ئارشاڭ ئۆزىدە 180 كۋادىرات مېتىرلىق يۇيۇنۇش كۆلچىكى، 11 ئېغىزلىق يۇيۇنۇش ئۆيى، 10 نەچچە ئېغىزلىق ياتاق سېلىپ، دوختۇر ۋە كۈتكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. نۆۋەتتە بۇ ئارشاڭ تېكەس ناھىيەسى نىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى