جۇغراپىيە

بودەك يار ئېقىنى

بودەك يار ئېقىنى چىرا > ناھىيە بازىرىنىڭ سەككىز كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، چىرا بوستانلىقىغا ئۈزلۈكسىز ئاپەت كەلتۈرىدىغان «بەش چوڭ قۇم-بوران ئېغىزى» نىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتكەن. 

بۇ ئېقىننى چىرا ناھىيەسى 1987-يىلى قۇملىشىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىش، چاڭ-توزان ۋە كۆچمە قۇمنى توسىدىغان توساق ھاسىل قىلىش يۈزىسىدىن يازدىكى كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ چاپتۇرغان. بۇ ئېقىن 350 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بودەك ئۈجمە تۈۋىدىن باشلانغاچقا، بودەك يار دەپ ئاتالغان. بودەك يار ئۆستىڭى چېپىلغاندىن كېيىن چۆللىكتە يۇلغۇن، توزغاق، توغراق، يانتاق، ئاق تىكەن، چاكاندا، چىغ، ئېشەك قۇمىچى قاتارلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى تەبىئىي ئورمان ۋە ئۆسۈملۈك توپى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ جاي قوغدىلىدىغان مۇھاپىزەت نۇقتىسى ۋە قۇملىشىشنى تىزگىنلەشتىكى توساق دەپ قارىلىپ، ئالاھىدە قوغداش رايونى دەپ بېكىتىلدى. بۇ ئۆستەڭنىڭ چېپىلىشى «بەش چوڭ قۇم-بوران ئېغىزى»نىڭ غەربىدىكى يىلىغا 5 بالدىن 10 بالغىچە 100 قېتىمدىن ئارتۇق چىقىدىغان قەرەلسىز قۇم-بوراننىڭ يېزا-كەنتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ـ %30 گىچە ئازايتقان. كۆچمە قۇم دانىچىلىرىنى يۈتىدىغان، چاڭ-توزاننى سۈمۈرىدىغان، شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغان يېشىل توساق-بودەك يارنىڭ شەكىللىنىشى چىرا > دە يېڭى بىر ئابىدە بولۇپ قالغان.  


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى