جۇغراپىيە

جۇڭگو

جۇڭگو خۇاشيا مەدەنىيىتىنى مەنبە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھەمدە خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىلى خەنزۇ تىلى.

جۇڭگو خۇاشيا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھەمدە خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت، خەنزۇ تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ. جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ئۆزىنى ئەجدىھا ئەۋلادى، يەندى بىلەن خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. 

جۇڭگو دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ بىرى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5000 يىل بۇرۇن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنى مەركەز قىلىپ بارلىققا كېلىشكە باشلاپ، مەھەللە تەشكىللەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەت شەكىللەندۈرۈپ، كېيىن كۆپ قېتىم مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ۋە سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ بۈيۈك بىرلىكنى شەكىللەندۈرگەن.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنغان.

1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغان.

جۇڭگونىڭ مەدەنىيەتى ئۇزاق، بىلىمى كەڭ ۋە چوڭقۇر، رەڭگارەڭ، شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى مەدەنىيەت مۇستەملىكىچى دۆلەت، دۇنيا مەدەنىيەت سىستېمىسى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، تەبىئىي شارائىتىدىكى پەرىق تۈپەيلى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە رەڭگارەڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بار، ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلىدىكى شېئىر، درامما ۋە ئەلنەغمە، خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىقلار بار. باھار بايرىمى، پـانۇس چاغىنى، چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، چوڭياڭ بايرىمى قاتارلىق بايراملار جۇڭگونىڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.

ئىپتىدائىي جەمئىيەت

جۇڭگو ئىپتىدائىي جەمئىيتى، تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ يىل بۇرۇنقى يۈەنمۇ ئادىمىدىن باشلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىر شيا سۇلالىسى قۇرۇلغىچە داۋام قىلغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەت، ئىپتىدائىي كىشىلەر توپى ۋە ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىن ئىبارەت ئىككى مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇرۇقداشلىق كوممۇناسى يەنە ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق كوممۇناسى ۋە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن.

قۇللۇق جەمئىيەت

جۇڭگوقۇللۇق جەمئىيەت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردىكى شيا سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ باشلىنىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 476-يىلى ئەمىنىيە دەۋرىدە ئاخىرلاشقان، جۇڭگونىڭ قۇللۇق جەمئىيىتى يۈينىڭ ئوغلى چى قۇرغان شىيا، جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە شيا خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى تەختتىكى چاغدا، شاڭتاڭ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ھالاك بولغان.

فېئوداللىق جەمئىيەت

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىكى يېغىلىق دەۋرىدىن باشلاپ، مىلادىيە 220-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى ھالاك بولىشىغىچە بولغان مەزگىل دەل جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيەت بەرپا قىلغان ۋە راۋاجلانغان مەزگىلى. 

جۇڭگويېغىلىق دەۋرى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ھەرقايسى سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى چىن بەگلىكىدىكى شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى بىر قەدەر ئۈزۈل-كېسىل، چىن بەگلېكىنى پەيدىنپەي بەگلەر، دۆلەت ئىچىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قېلىشىغا تۈرۈتكە بولغان. بۇ مەزگىلدە، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناھايىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن، پەن-تېخنىكا جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئىدىيە جەھەتتىن «ھەممە بەس-بەستە سايراش»تەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

فېئوداللىق دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشى

220-يىلى ساۋ پېي بەگلىكىدىن تارتىپ، تاكى 589-يىلى سۈي سۇلالىسى بىرلىككە كەلتۈرۈشكىچە بولغان بۇ مەزگىل دەل جۇڭگو تارىخىدىكى فېئودال دۆلەتنىڭ پارچىلىنىش ۋە مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە قوشۇلۇش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. 

سېرىق ياغلىقلار قوزغىلىڭىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىدە، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى نامدا مەۋجۈت، ئەمەلىيەتتە خاراپ بولغان. قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىدا بەزى بىر ھەربىي گۇرۇھلار پەيدا بولغان.

ساۋ ساۋ گۇەندۇدا يۇەن شاۋنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاساسىي جەھەتتىن شىمالىي جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن. چىبى جېڭىدە ساۋ ساۋ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، شىمالغا چېكىنگەن.

جۇڭگوسۇن چۇەن، ليۇ بېينىڭ ئورنى مۇستەھكەملەنگەن. 220-يىلى، ساۋ پېي تەختكە چىقىپ ۋېي سۇلالىسىنى قۇرغان. 221-يىلى، ليۇ بېي تەختكە چىقىپ شۈ سۇلالىسىنى قۇرغان.

222-يىلى سۈن چۈەن تەختكە چىقىپ ۋۇ سۇلالىسىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پادىشاھلىق تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى زور كۆلەمدە راۋاجلانغان.

فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى

581-يىلى سۈي سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 907-يىلى تاڭ سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇش ئارلىقىدىكى بۇ مەزگىل، دەل جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى گۈللىنىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. 

مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە قوشۇلغان ۋە جەنۇب، شىمال ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىدا، سۈي سۇلالىسىنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرلغان. دۆلەت بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، جەمئىيەت تەرتىپى مۇقىملاشقان، يېزا ئىگىلىك، قول-سانائەت ۋە سودا تەرەققىي قىلغان، فېئوداللىق ئىقتىسادىدا سۇس گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

جۇڭگوئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، كېيىنكېلەر ئۈچۈن غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. چوڭ قانالنىڭ قېزىلىشى، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئىقتىساد ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇشتا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.

فېئوداللىق ئىگىلىكنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتى

907-يىلى لىياڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1368-يىلى يۈەن سۇلالىسى ھالاك بولغىچە بولغانبۇ مەزگىل، دەل جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشى ۋە فېئوداللىق ئىگىلىكنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. 

جۇڭگوبەش دەۋر-ئون پادىشاھلىق مەزگىلىدە، جەنۇب نىسبەتەن تىنچ بولۇپ، ئىقتىسادىي خېلى چوڭ تەرققىياتقا ئېرىشكەن. بەش دەۋر-ئون پادىشاھلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، كېيىنكى جۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپقان، كېيىنكى بۆلۈنمە ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالغان.

فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى

بۇ 1368-يىلى مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن، تارتىپ 1840-يىلى ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىشىنىڭ ئالدىغىچە بولغان بۇ مەزگىل دەل جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيتى بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت مۇستەھكەملەنگەن ۋە فېئوداللىق تۈزۈم بارا-بارا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. 

جۇڭگو1368-يىلى، جۇ يۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسى قۇرغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. ھەربىي مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمەت قۇرغان ھەمدە پايتەختنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن.

ئەپيۈن ئۇرۇشى ۋە تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى 

جۇڭگوئەپيۈن ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، جۇڭگو بولسا بىر مۇستەقىل فېئودال دۆلەت. جۇڭگودا ناتۇرال ئىگىلىك ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ يوللۇق سودا داۋامىدا، جۇڭگو ئاكتىپ بالانىسلىق ئورۇندا تۇرغان. ئەنگلىيە سودىدا پاسسىپ پالانىز ھالىتىدىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا ئوغرىلىقچە ئەپيۈن كىرگۈزگەن.

ئەپيۈن كىرگۈزۈش جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنغان. لىن زېشۈنىڭ رەھبەرلىكىدىكى زەھەر چەكلەش ھەرىكىتى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. 1840-يىلى، ئەنگلىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغىغان.

ئۇرۇش داۋامىدا، كەڭ ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېر ۋە سەنيۈەنلى خەلقى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلىپ بارغان. لېكىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مۇرەسسە قىلىش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئاخىرى ئۇرۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

1842-يىلى ئەنگلىيە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى «جۇڭگو-ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغاندىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، فېئوداللىق جەمئىيەتتىن يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلانغان. ئۇرۇش داۋامىدا، بەزى ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار ئويغانغان، «غەربتىن ئۆگىنىش» يېڭى ئېقىمى بىخ سۈرگەن.

ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىدا مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەت مىسلىسىز كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن.

1851-يىلى، خۇڭ شيۇچۈەن جىنتيەن قوزغىلىڭىنىڭ قوزغىغان ھەمدە تەيپىڭ تيەنگو ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغان.

1853-يىلى، تەيپىڭ تيەنگو تيەنجىڭنى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەنلېكىنى ئېلان قىلىپ، «تەيپىڭ تيەنگونىڭ يەر تۈزۈمى»نى يولغا قويغان؛ 1856-يىلى، تەيپىڭ تيەنگو ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تازا ۋايىغا يەتكەن مەزگىل، رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، تيەنجىڭ ۋەقەسى كېلىپ چىققان.

1864-يىلى، تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغان. خۇڭ شيۇچۈەن رەھبەرلىك قىلغان تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى، يېڭى دەۋردىكى دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ ئالاھىدىلېكىنى نامايان قىلغان.

تەيپىڭ تيەنگونىڭ بەزى رەھبەرلىرى، جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىقى، قۇدرەتلىك يولى، غەربتىن ھەقىقەت ئىزدەشنى، فېئودالىزمغا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئالغان. تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى−جۇڭگو دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلى.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كاپىتالىزمنىڭ پەيدا بولۇشى

19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئەجنەبىيچىلەر بارلىققا كەلگەن. 60-يىللىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللارغا كەلگەندە ئۇلار بىر مەيدان «شى يى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان.

ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتى جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىغا باشلاشنى مەخسەت قىلغان، لېكىن ئوبيېكتىپ جەھەتتە جۇڭگو كاپىتالىستىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ۋە يىخېتۈەن ھەرىكىتى

جياۋۇ جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشى دىن كېيىن، مىللىي كرزىس مىسلىسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشقان ۋە جۇڭگو مىللىي كاپىتالىزمنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي بۇرژۇئازىيە يېڭى سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان.

كاڭ يۇۋېي، لياڭ چىچاۋ باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئا يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارلىرى، مىللەتنى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كاپىتالىستىك، يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

سىشى تەيخۇ ۋەكىللىكىدىكى فېئودال جاھىل كۈچلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يېڭىلىققا كۆچۈش قانۇن ئۆزگەرتىش مەغلۇپ بولغان. بۇ بۇرژۇئا خاراكتېرىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى، جەمئىيەتتە ئىدىيىۋى ئاقارتىش رولىنى ئوينىغان، بۇرژۇئا ئىدىيە مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا پايدىلىق.

يىخېتۇەن ھەرىكىتى بىر مەيدان جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. بۇ ھەرىكەت كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى بۆلۈشۈۋېلىش پىلانىنى تارمار قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئۇنىڭ ھالاك بولۇشنى تېزلەتكەن.

شىنخەي ئىنقىلابى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولۇشى

1894-يىلى، سۈن جۇڭشەن جۇڭگو بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي تەشكىلات − جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى بەرپا قىلىنغان.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، شىنخەي ئىنقىلابى مەرتىۋىلىك جۇڭگو ھازىرقى زامان مائارىپ ئاساس سالغۇچى خې يۈەن قاتارلىقلارنىڭ ئاۋانگارىتلار ياراتقان يېڭى ئىلىم.

جۇڭگو1905-يىلى، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئېلان قىلغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى، بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيىسى كەڭ تارقالغان.

جۇڭخۇا مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شىمال مىلىتارىست ھۆكۈمرانلىقى

ھۆكۈمەت بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەسمىي كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن يۈەن شىكەي باشچىلىقىدىكى شىمالىي مىلىتارىستلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان.

يۈەن شىكەي گومىنداڭنىڭ ئىچكى جەھەتتە باستۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشكە ئۇرۇنغاندا، سۈن جۇڭشەن قورال كۈچى بىلەن يۈەن شىكەينى چاقىرغاندا «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» يۈز بەرگەن. گومىنداڭ كۈچى چېچىلاڭغۇ، شىمالىي دېڭىز ئارمىيە كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» ناھايىتى تېزلا مەغلۇپ بولغان.

4-ماي ھەرىكىتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا  ئەگىشىپ، بۇرژۇئا جۇڭگودا دېموكراتىك سىياسىينى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ، فېئودال مىلىتارىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى مەيدانغا كەلگەن.

جۇڭگو1915-يىلى، چىن دۇشىيۇ شاڭخەيدە «يېڭى ياشلار»نى قۇرغان، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنىڭ بەلگسى بولغان. «دېموكراتىيە» ۋە «ئىلىم-پەن» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ شوئارى بولغان.

مىللىي زور ئىنقىلاب دەۋرى

1924-يىلى 1-ئايدىن 1927-يىلى 7-ئايغىچە بولغان مەزگىل بىرىنچى ئىچكى ئىنقىلاۋىي ئۇرۇش دەۋرى. بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىمپېرىيەگە قارشى تۇرغان ئاساسىي ئادىل بولغان شىمالىي مىلىتارىستلار ئۇرۇشى. 

7-فېۋرال پاجىئەسى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پەقەت ئىشچىلار سىنىپىغا تايانغاندا كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنى غەلبىگە يېتەكلەپ بېرىشنىڭ مۇمكىنى تونۇپ يەتكەن.

گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئون يىللىق تىركىشىشى

1927-يىلى 8-ئايدىن 1937-يىلى 7-ئايغىچە ئىككىنچى ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقى بىلەن قىلغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«12-ئاپرېل» ئەكسىل ئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن جياڭ جيېشى نەنجىڭدا مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، مىللىي ھۆكۈمىتى «شىمالغا جازا يۈرۈشى» قىلىپ، بېيجىڭنى ئىشغال قىلغان، فېڭتيەن سىستېمىسىدىكى مىللىتارىست جاڭ زولىن شەنخەيگۇەننى سىرتقا چېكىندۈرۈپ جاڭ شۆلياڭنىڭ «شەرقىي شىمالنىڭ بايراق ئالماشتۇرۇپ»، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنغان. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپون ئارمىيەسى لوگوچىياۋ كۆۋرۈكىگە ھۇجۇم قىلغان، جۇڭگو ئارمىيىسى قايتۇرما زەربە بەرگەن، مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مۇقەددىمىسى ئېچىلىپ باشلانغان.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيىسى شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلغان، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرى، گومىنداڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى «گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىق خىتابنامىسى» نى تاپشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ رەسمىي ۋۇجۇدقا چىقىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى باشلانغان.

جۇڭگو8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى شەرتسىز تەسلىمنامە ئىمزالىغان. 8 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش نىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 1945-يىلى 8-ئايدا، ماۋزېدۇڭ چۇڭچىڭغا بېرىپ گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ۋەكىللىرى «10-ئۆكتەبىر كېلىشىمى» ئىمزالىغان. لېكىن، گومىنداڭنىڭ سۆھبەت مەزگىلىدە قوشۇن ئەۋەتىپ، ئازاد رايونلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئازات رايونلاردىكى ئارمىيە ۋە گومىنداڭنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن.

جۇڭگوگومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ۋەكىللىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە چۇڭچىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چاقىرغان. 1949-يىلى 9-ئايدا، 1-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېچىلغان.

جۇڭگو1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋزېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.

1976-يىلى 10-ئايدا جياڭ چىڭ ئەكسىل ئىنقىلاب گۇرۇھى تارمار قىلىنىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقان، جۇڭگو يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويغان. ئەسلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى دېڭ شياۋپىڭ يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلگەن، 1979-يىلىدىن باشلاپ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاراتقان.

1989-يىلى 21-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بېرىپ، جىياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت رەھبىرى بولغان، ئۇلار باشچىلىقىدىكى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى دېڭ شياۋپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم جۇڭگو بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، دىپلوماتىيە جانلىق گۈللەنگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

جۇڭگو2012-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان، 2013-يىلى 3-ئاي، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىغان 56 مىللەت بار. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇ، يىزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، بۇيى مىللىتى، چاۋشيەن مىللىتى، مانجۇ، دۇڭزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، بەيزۇ مىللىتى، تۇجيا مىللىتى، خانى مىللىتى، قازاق، دەيزۇ، لىزۇ مىللىتى، لىسۇ مىللىتى، ۋازۇ، شېزۇ مىللىتى، گاۋشەن مىللىتى، لاخۇ مىللىتى، شۇيزۇ مىللىتى، دۇڭشياڭ مىللىتى، ناشى مىللىتى، جىڭپۇ مىللىتى، قىرغىز، تۇزۇ، داغۇر، مۇلاۋ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى، بۇلاڭ، سالا، ماۋنەن مىللىتى، گېلاۋ مىللىتى، شىبە، ئاچاڭ مىللىتى، پۇمى مىللىتى، تاجىك، نۇزۇ مىللىتى، ئۆزبېك، رۇس، ئېۋېنكې مىللىتى، دېئاڭ مىللىتى، باۋئەن مىللىتى، يۇغۇر مىللىتى، جىڭزۇ، تاتار، دۇلوڭ، ئورۇنچۈن مىللىتى، خېجې مىللىتى، مېنبا مىللىتى، لوبا مىللىتى، جىنو قاتارلىق 56 مىللەت بار.

دىنى

جۇڭگودا تەرىقەتچىلىك، ئىسلام دىنى، كۇڭزىچىلار، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلار بار.

كىيىم-كېچەكلىرى

خان كىيىمى، يەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت كىيىمى، يەنە خەن سۇلالىسى تۈزەشتۈرۈش كىيمىمۇ دېيىلىدۇ، خەنزۇ كىيىمى، تاڭ كىيىمى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى بار.

ھېيت-ئايەملىرى

جۇڭگونىڭ باھار بايىمى، پانۇس بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، مەۋسۇم چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى، ئىگىزگە چىقىش بايرىمى، لابا بايرىمى، ھـارپـا كېچىسى قاتارلىق ئاساسلىق بايراملىرى بار.

يېمەك-ئىچمەكلىرى

جۇڭگو چاي ماكانى، جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بىلىمى كەڭ ۋە چوڭقۇر. جۇڭگو ھاراق ياساش قەدىمكى دۆلىتى. 

جۇڭگو قورۇمىلىرى، نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە. ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئوردا قورۇمىللىرى، ھۆكۈمەت قورۇمىللىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك قورۇما سېستىمىلىرىدىن تەركىب تاپقان.

داڭلىق شەندۇڭچە قورۇما سىستېمىسى، سىچۇەن قورۇما سىستېمىسى، گۇاڭدۇڭ قورۇما سىستېمىسى، فۇجيەن قورۇما سىستېمىسى ۋە جياڭسۇچە قورۇما سىستېمىسى، جېجياڭ قورۇما سىستېمىسى، شياڭ سەي قورۇما سىستېمىسى، ئەنخۇي قورۇما سىستېمىسى قاتارلىقلار بار. جۇڭگو قورۇمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پىششىقلاپ ئىشلىنىپ يېيىشكە مۇۋاپىق ئۆلچەمدە كىچىك پارچە قىلىنغان، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى چوكا بىلەن يېيىلگەن.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى