جۇغراپىيە

جاي يېزىسى

جاي يېزىسى

 

جاي يېزىسى كېرىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان. غەربتە سىيەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى كۆكيار يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بوستان شاللىق رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

جاي يېزىسىجاي يېزىسى كېرىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان. غەربتە سىيەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى كۆكيار يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بوستان شاللىق رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى بەش كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 28 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئىگىز، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيپاش كېلىدۇ، تۇپرىقى مۇنبەت، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1420 مېتىر كېلىدۇ. 

 

كىلماتى

جاي يېزىسىھاۋا كىلىماتى ئىللىق، قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2، قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن، يىللىق قۇم-بوران 150 كۈن ئەتراپىدا، ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10 بالغا يېتىدۇ. 

ئىقتىسادى ئەھۋالى

جاي يېزىسىيېزا بويىچە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. بۇ يېزىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بىر قەدەر كۆپ دېھقانلار كۆكتات سودىسىغا تايىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى