تەرمىلەر

ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ئاياللاردىكى تەشۋىشلىك

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندىكى بىر تەتقىقاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ چىقىرىدىغان ئاياللارنىڭ تەشۋىشلىكى ئېغىر بولۇپ، جەلپكارلىقى كەمچىل بولىدىكەن. ئۇلار گەرچە ئاپپارات سۈزگۈچى ئارقىلىق سۈرىتىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىنالمايدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ چىقىرىشنىڭ ناچار پىسخىكىلىق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلانغان. يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسىخولوگىيە شىسىدىكى جېنىفېر مىللس يېتەكچىلىكىدىكى ئالىملار كوللېكتىپى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغان.

تەتقىقاتچىلار پىسخولوگىيە كەسپىدىكى 110 قىز ئوقۇغۇچىنى تەتقىق قىلغان، بۇ قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى 16~29 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، ھەممىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئىسچوت ئاچقانلار ئىكەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئۆز-ئۆزىنى تارتقان سۈرىتىنى گۈزەللەشتۈرمەي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىغا چىقارغان، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئۆز-ئۆزىنى تارتقان سۈرەتلىرى ئىچىدىكى ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن، بېزىگەنلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىغا چىقارغان، ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر سېلىشتۇرما گۇرۇپپا بولغان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۈرەتكە چۈشۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كەيپىياتى ۋە بەدەن ئوبرازىنى ئۆلچىگەن. سىناققا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىنى مىقدارلاشتۇرۇپ، «تولۇق ئەمەس» تىن باشلاپ «ناھايىتى كۆپ» كىچە بولغان مىقدارلاردا ئۆلچىگەن. ئۆلچەيدىغان كەيپىيات تەشۋىشلىك، خامۇشلۇق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بەدەن ئوبرازى سېمىزلىك تۇيغۇسى، جەلپكارلىقى ۋە بەدەن شەكلىگە بولغان قانائەت دەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ «بەدەن تەسۋىرى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سېلىشتۇرما گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ چىقىرىدىغان ئاياللارنىڭ تەشۋىشلىكى تېخىمۇ ئېغىر، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە جەلپكارلىقى تېخىمۇ كەمچىل بولىدىكەن، قايتا سۈرەتكە چۈشسىمۇ ياكى سۈرىتىنى بېزەپ چىقارسىمۇ بۇ خىل تەسىر يەنىلا مەۋجۇت بولىدىكەن».

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى