ساغلاملىق

ناشتىدىن بۇرۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق

كۆپىنچە كىشىلەر ھەر كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپلا چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ياپونىيە تىسۇككۇبا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاچ قورساق چېنىقىش ئۇسۇلى ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، چېنىقىشنىڭ پايدىسى بولماي ئەكسىچە ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىكەن. ناشتىدىن بۇرۇن چېنىققانلارنىڭ ناشتا قىلىپ چېنىققانلارغا قارىغاندا، پۈتۈن كۈنلۈك ئېنېرگىيە ئالمىشىش ۋە ئوكسېگىن خوراش مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن؛ ئېنېرگىيە تەڭپۇڭسىز ھالەتتە تۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن نورمال ماددا ئالمىشىشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن. سەھەردە ئادەم بەدىنىنىڭ ھالىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ھەرىكەت قىلغاندا، شۇ كۈنلۈك بەدەن ئېنېرگىيەسى ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇنداقلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق چاغدا چېنىققاندىن، جىمجىت ئولتۇرغان ياخشىكەن.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى