ساغلاملىق

سۇ ئىچكەچ تاماق يېيىش ئادىتى تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىقمۇ؟

نۇرغۇن كىشى تاماق يېگەندە تاماقنى قۇرغاق ھېس قىلىپ، سۇ ئىچكەچ تاماق يەيدۇ. سۇ ئىچكەچ تاماق يېيىش ياخشى ئادەتمۇ؟ بۇ تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟

سۇ ئىچكەچ تاماق يېيىش  ئادىتى تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقەتەن زىيانلىق بولۇپ، كونكرېت ئىپادىسىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. دەسلەپكى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاماق يېگەچ سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلىگەندە بىر قىسىم يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ ئاقسىل تۈرىدىكى ياكى ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى دەسلەپكى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

2. ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش مۇمكىن. ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدا كۆپ مىقداردا ئاشقازان كىسلاتاسى بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكتىكى مىكروب ۋە ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرىدۇ. تاماق يېگەندە سۇ ئىچسە ئاشقازان كىسلاتاسى سۇيۇلۇپ كېتىپ، مىكروبلار كۆپىيىپ كېتىدۇ-دە، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

3. ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. تاماق يېگەندە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە ئاشقازان كېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى مۇناسىپ ھالدا ئاجىزلايدۇ، ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىشمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

4. چىشنىڭ چايناش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن كىشى تاماق يېگەچ سۇ ئىچكەندە يېمەكلىك يۇمشاپ، تېخىمۇ ئاسان يۇتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇنداق قىلغاندا چىشنىڭ يېمەكلىكلەرنى چايناش ھەرىكىتى ئازلايدىغان بولۇپ، بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. بىر تەرەپتىن، بۇنىڭدا ئېغىز بوشلۇقىدا شۆلگەي ئازلايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، چاينالمىغان ھەجىمى چوڭ يېمەكلىكلەر ئاشقازان-ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن تاماق يېگەندە سۇ ئىچىشنىڭ زىيىنىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى دەرھاللا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى تاماق يېيىشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ياكى تاماق يەپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن بولىدۇ، كەچ سائەت 7 دىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.

 

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى