ساغلاملىق

چىشنى كۈندە ئۈچ ۋاق چوتكىلىغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

点击浏览下一张  كۆپىنچە كىشىلەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەنگەن. كورېيە دۆلەتلىك سېئول ئۇنىۋېرسىتېتى پېنتاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق چىش چوتكىلاپ بەرگەندە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار كورېيە دۆلەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سىستېمىسىدىن 40 ياشتىن يۇقىرى 248 مىڭ ئاھالىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغقان. چىش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 248 مىڭ ئاھالىنىڭ %40.5ى چىشىنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ ۋاق چوتكىلايدىكەن، %44.8ى ئەتىگەن ۋە كەچتىلا چوتكىلايدىكەن، %14.7ى ھەر كۈنى كۆپ بولسا بىر قېتىم چوتكىلايدىكەن، %25.9ى ھەر يىلى چىش يۇيغۇزىدىكەن. توققۇز يېرىم يىللىق ئەگىشىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سەكتە ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك مىسالىدىن 15 مىڭى كۆرۈلگەن.

  نەتىجىدە مەلۇم بولۇشىچە، چىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، قۇرت يېگەن چىش سانى ياكى چىشى كۆپ چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق چىش چوتكىلىغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %9 تۆۋەنلەيدىكەن، ھەر يىلى بىر قېتىمدىن ئارتۇق چىش يۇيغۇزغاندا بۇ خىل خەۋپ %14 تۆۋەنلەيدىكەن. چىشنى كۆپ قېتىم چوتكىلاش، يۇيۇش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشىلىغاندا كۆپ خىل ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسىنى ئازايتقىلى ۋە شۇ ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇرنى ئاسرىغىلى بولىدىكەن.

 

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى