ساغلاملىق

قانداق قىلغاندا قول-پۇت يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

  قانداق قىلغاندا قول-پۇت يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

     بىرىنچىدىن، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇيۇش كېرەك. قولنى زىيادە كۆپ يۇيماسلىق، قول يۇيىدىغان سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، تېرە مېيىنىڭ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك؛ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا سۇلياۋ پەلەي كىيىپ، ئىمكانقەدەر كىسلاتا، ئىشقار قاتارلىق خىمىيەلىك تازىلاش دورىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، قولنى توغرا ئۇسۇلدا ئاسراش كېرەك. ھەر قېتىم قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قول ئاسراش مەلھىمى سۈرۈپ، تېرىنى بىر قەۋەت ماي پەردىسى بىلەن قاپلاش لازىم، سىرتقا چىققاندا پەلەي كىيىۋالغاندا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ قولنى ئىسسىق ساقلىغىلى، سوغۇق ۋە قۇرغاقنىڭ قولغا بولغان غىدىقلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، پۇتنى سۇغا چىلاپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش. كەچتە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بولغاندىن كېيىن، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماي، گىلىتسېرىن، ۋازېلىن قاتارلىق تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش بۇيۇملىرىنى سۈرۈش.

  تۆتىنچىدىن، غىزالىنىش جەھەتتە سەۋزە، بوسەي، تاتلىقبەرەنگى قاتارلىق كۆكتاتلار، شۇنداقلا ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن Aنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ تېرىنى قوغداش، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى