ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ھەممىمىزگە مەلۇم، سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، لېكىن ئۇ ئاياللارنىڭ پاتېنتى ئەمەس، ئەرلەردىمۇ سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەرلەردە سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەردىمۇ سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى بولىدۇ، سۈت بېزى توقۇلمىلىرى، ئانىلىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى دېگەندەك. كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ،سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆسۈشى ئاسان كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئەرلەردە سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

بىرىنچى خىلى، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇنى ئېشىپ كەتكەن بىمارلار

مەسىلەن نۇرغۇن سىرتقى مەنبەلىك ھورمۇن تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر ياكى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان، تېنى بىر قەدەر كۆپ ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقارغانلار، ئۆسمۈر ئوغۇللاردا سۈت بېزى يېتىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىز كىشىلەردىمۇ ئاسانلا سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆپ قىسمى ئاتىلىق ھورمۇن ئاروماتىك ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خۇش پۇراق ئېنزىملار ئاساسلىقى ياغ توقۇلمىلىرىدا ساقلىنىدۇ. شۇڭا سېمىز ئەرلەرنىڭ كۆكسىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز.

ئىككىنچى خىلى، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئۆلۈپ ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن جىگەردە تىرىك ساقلىنىدۇ، ئەگەر جىگەر ئىقتىدارىدىن چاتاق چىقسا، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ تىرىكى ئازلاپ، سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەن، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك:

1. تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى

ئىرسىيەت ئامىلى ئەرلەردىكى سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى مۇھىم سەۋەب، بولۇپمۇ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن 2 ـ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

2. جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش

جىگەر ئىقتىدارى ئۇزاق مۇددەت زىيانغا ئۇچرىغان ئەرلەر، مەسىلەن: جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەر، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئەرلىك ھورمۇنى تۆۋەنرەك، ئانىلىق ھورمۇنى يۇقىرىراق بولۇپ، بۇنداق ئەرلەر سۈت بېزى راكىغا بىر قەدەر ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

3. سېمىزلىك

سېمىزلىك سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى ياغ ھۈجەيرىسى ئەرلىك ھورمۇننى ئانىلىق ھورمۇنغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئەرلەرنىڭ تېنىدە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئانىلىق ھورمۇن بولسا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئاشىدۇ.

4. كۈچلۈك رادىئاتسىيەمۇ ئەرلەردىكى سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە

بىر ئامىل ئەرلەرنىڭ كۆكرەك قىسمى كۆپ مىقداردا رادىياتسىيەگە ئۇچرىغاندا، ئەمچەك راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشى ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى توقۇلمىلىرى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، سۈت بېزىدە ئۆسمە پەيدا بولغان ھامان، ناھايىتى ئاسانلا تۆت ئەتراپقا تارقىلىپ يۆتكىلىدۇ. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە راك ھۈجەيرىلىرى ئەمچەك ئەتراپىدىكى مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ۋە تېرىلەرگە يامراپ، ئۆپكە ۋە يۈرەككە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

شۇڭا كۆكرەكتە ئىششىش سېزىمى ياكى كاللەكلىشىش،كۆكرەك تېرىسى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋە پۈرلىشىپ كېتىش، كۆكرەك توپچىسى ياكى كۆكرەك تېرىسى قىزىرىپ كېتىش، كۆكتىك توپچىسى ئىچىگە پېتىپ قېلىش، كۆكرەك توپچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش، كۆكرەك توپچىسىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش، بولۇپمۇ ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا يەنە ھاراق تاماكىنى تاشلاپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك، قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىش، تۇرمۇشنى خۇشال ئۆتكۈزۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى