ساغلاملىق

ئ‍اددىي ئ‍ەمما شىپالىق چاي رېتسىپلىرى

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

ئ‍اددىي ئ‍ەمما شىپالىق چاي رېتسىپلىرى

* يۇقۇرى قان بېسىم ۋە دىئابىت بىمارلىرى ئ‍ۈجمە غازىڭىنى قۇرۇتۇپ قويۇپ چاي دەملەپ ئ‍ىچىپ بەرسە ماس كىلىدۇ.
* ئ‍ىسسىقتىن تولا زۇكام بولىدىغانلار، ئ‍اسان قوقاق تېگىدىغانلار لېموندا چاي دەملەپ ئ‍ىچسە ماس كىلىدۇ.
* ھازىر بىھى پىشىپتۇ. ئ‍ۆت ياللۇقى، جىگەر خىزمىتى ياخشى بولمىغانلار، كۆڭلى ئ‍ىلىشىپ بىئارا بولىدىغانلار، قورسىقى ئ‍اچمايدىغانلار، سىزىكى بارلار بىھىنى قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ چاي قىلىپ ئ‍ىچسە ماس كىلىدۇ.
* ئ‍اشقازان، بۆرەك، بالياتقۇ سوغۇق، پۇت-قولى ئ‍ىسسىمايدىغانلار: قەلەمپۇر، قوۋزاقدارچىن، خۇلۇنجان، زەپە، ماكا، تاتلىق توشقان زەدىكى، ئ‍القات، ئ‍ارپابەدىيان دېگەنلەردىن مۇۋاپىق تەڭشەپ چاي دەملەپ ئ‍ىچىپ بەرسە ماس كىلىدۇ.
* ئ‍ۇيقۇسى ئ‍از، نېرۋا-يۈرەك ئ‍اجىزلار: لاچىندانە، رەيھان، ئ‍ۇستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، سۈپەتلىك قىزىل چايلار بىلەن تەڭشەپ چاي قىلىپ ئ‍ىچسەڭلار ماس كىلىدۇ.
* ئ‍اشقازان ئ‍اجىز، تاماق ئ‍اسان ھەزىم بولمايدىغانلار: پىننە، سۈپەتلىك قاراچاي، زىرە قوشۇپ دەملەپ ئ‍ىچىپ بەرسەڭلار ماس كىلىدۇ.
* قەۋزىيەت، ئ‍ۆت ياللۇقى، سېمىزلىك، تولا گال ئ‍اغرىيدىغانلارغا يالپۇز دەملەپ ئ‍ىچسەڭلار ماس كىلىدۇ.
* تولا ئ‍ۇسسايدىغان، كومپيوتېر ئ‍الدىدا ئ‍ۇزۇن ئ‍ولتۇرىدىغانلار ئ‍ۈرۈك قېقى-گۈلىنى چىلاپ قويۇپ چاي ئ‍ىچىپ بىرىڭلار!
* تەبىي مېۋە چاي دەملەپ ئ‍ىچىش ئ‍ۈچۈن: چىلان، قىزىل ئ‍ۈزۈم، گۈلە دېگەنلەرنى ئ‍ىككى سائەت چىلاپ قويۇپ ، قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ ئ‍ىچىپ بەرسە ھەر خىل ئ‍وزۇقلارنى تولۇقلايدۇ ھەم ئ‍ۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. بۇنىڭغا سۈپەتلىك قىزىلچايدىن بىرە قوشۇپ سېلىپ بىللە قاينىتىپ دەملىسە تەمى ھەم رەڭگى ئ‍وبدان كىلىشىدۇ. زەپەدىن، قىزىلگۈل غۇنچىسىدىن ئ‍ازىراق قوشۇۋەتسە تېخىمۇ ئ‍ېسىل بولىدۇ. قەنت سېلىپ ئ‍ىچىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى قالمايدۇ.
* ئ‍ىسسىقچان كىشىلەر بىر ئ‍ىستاكانغا بىر چىمدىم يېشىلچاي، بىر تال چىلان، بىر تىلىم لېمون سېلىپ دۈملەپ قويۇپ ئ‍ىچىپ بەرسە ئ‍ىسسىقنى ئ‍الىدۇ. قوقاقنى قايتۇرىدۇ. جىگەر ۋە قان تومۇرلارنى ئ‍اسرايدۇ.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى