ساغلاملىق

سۈيدۈك تۇتالماسلىق ياكى تولۇق ئۈزۈلمەسلىكنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟

تورداشلار سۇئاللىرىدىن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندى، ئوغۇللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ياكى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالامدۇ؟ چوڭلار خېلى كۈنلەرگىچە شۇنداق دەيتتى، ئاساسىنى بىلىپ باقاي دەيمەن.

جاۋاپ:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە زىيادە ھۆل سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەي-مۇسكۇللار، نېرۋا-ئەسەبلەر بوشىشىپ بەدەننىڭ تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا روھىي ئامىللارمۇ بەدەننىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىپ ئۇزاقراق داۋاملاشتۇرغان ئوغۇللاردىمۇ دوۋسۇن چىڭقىلىپ بولغۇچە سۈيدۈك قىستاپ كېتىدىغان، ئېغىرراق بولغاندا تۇتالمايدىغان؛ شەھۋەت غىدىقلىنىشقا دۇچ كەلگەندە ئاسانلا قويۇپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇ ئاشۇ ئۇزاق ۋاقىت قولىدا غىدىقلاپ چىقىرىش جەريانىدا مېڭىدە شەكىللەنگەن رېفىلكىس سەۋەبلىك بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال كۆپۈنچە ھاللاردا بىرلەشكەندە ئاندىن سۈيدۈك تۇتالمايدىغان، مەنىي تىز يۈرۈك كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشى مۇمكىن.

سۇئال داۋامى: سۈيدۈك تۇتالماسلىق ھاجەتتىن بوشىنىپ قەغەز بىلەن پاكىزلانغاندا كۆرۈلۈپ قالىدىكەن، ئەمما ھاجەت قىپ بولۇپ تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇنداق بولمايدىكەن، سۇنىڭ ئىسسىقلىقى سەۋەبىدىن شۇنداقمىدۇ دېسەم، سوغۇق سۇدا تاھارەت ئالسىمۇ ئۇنداق بولمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟

جاۋاپ:
سىلى باشتىكى سۇئاللىرىدا سۈيدۈك تۇتالماسلىق دېسىلىرى ، سۈيدۈك قىستاپ كەتكەندە ھاجەتخانىغا بىرىپ بولغۇچە چىقىرىپ سالىدىغان ئەھۋاللار دەپ چۈشۈنۈپتىمەن.
كىچىك تەرەتتىن كېيىن يەنە چالىسى قالغاندەك سېزىم بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىر قانچە تامچە سۈيدۈك كېلىپ قىلىشنى دېمەكچى ئىكەنلا ئەسلىدە.
بۇ ئەھۋال كۆپۈنچە مەزىبېزىنىڭ سۈيدۈك تولۇق چىقىپ بولماستىن بۇرۇن سۈيدۈكنى قېسىپ قويىشى بىلەن بولىدۇ. بۇنى بەزىلەر مۇنداق ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ: تۇربىنىڭ جۈمىكى يېڭى، نۇرمال ئىشلەۋاتقاندا سۇنى چۈشۈرۈپ بولۇپ ئەتسەك چىپپىدە توختايدۇ. پەقەتلا تامچىلىمايدۇ. لېكىن جۈمەك كونىراپ قالسا سۇنى تولۇق ئېتەلمەي تامچىلاپ قالىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا مەزى بېزى، بۆرەك، دوۋسۇن دېگەندەك سۈيدۈك چىقىرىش سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغانغا ئاز تولا چارە قىلسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئەگەر بۇ ئەھۋال سوغۇقلۇق تەسىرىدىن بولغان بولسا تۇتۇش كۈچىنى ياخشىلايدىغان، چېڭىتىدىغان ئىسسىقلىق چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ.
– مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى