ساغلاملىق

ئەيدىز ۋىرۇسى دادىدىن بالىغا يۇقامدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى دادىدىن بالىغا يۇقامدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغان دادا بالىغا تاماق يېگۈزۈپ قويسا، بالىسىنى سۆيۈپ قويسا ئۇنىڭغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويامدۇ؟ ئۇنىڭ ئېرى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان، شۇڭا بالىسىغا ئېرىنىڭ ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن بەك قورقىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئەيدىز ۋىرۇسى دادىدىن بالىغا يۇقمايدۇ. چۈنكى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پەقەتلا قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىللا يۇقۇش يولى بار.

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەركىشى ۋىرۇسقا قارشى داۋالانمىغاندا، بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاندا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئايال كىشىگە يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئايال كىشى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسۇش بويىچە داۋالانمىغاندا، بالىياتقۇ ئىچىدە، تۇغۇش جەريانىدا، ئېمىتىش ئارقىلىق بالىسىغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەر يۇقۇملانغۇچى بىۋاستە ھالدا بالىغا يۇقتۇرۇپ قويالمايدۇ. ئانا يۇقۇملانغان بولسا ھازىرقى ۋىرۇسقا قارشى ئۆلچەملىك داۋالىنىش ئارقىلىق ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى ئاساسەن توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ھەزىم يوللىرى ئارقىلىق يۇقمايدۇ. شۇڭا دادا بالىسىغا تاماق يېگۈزگەندە، ئۇنى سۆيۈپ قويغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. چۈنكى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يوللىرى قان ئارقىلىق بولىدۇ، شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دادىنىڭ بەدىنىدە يېنىك جاراھەت بولغاندا بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن. پەقەت ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دادىنىڭ قېنى ياكى قان ئارىلاش ئاجرالمىلىرى (قان سىيىش، يارا ئېغىزىدىن چىققان سۇيۇقلۇق قاتارلىقلار) بالىنىڭ يارا ئېغىزىغا كىرىپ كەتمىسە، بالا دادىسىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىدىن تۇغۇلغۇسى بالىلىرىغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ ئۇرۇقى ئارقىلىق دادىدىن بالىغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىدىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمدان بىرلەشكەن ۋاقىتتىلا ھامىلە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغان بولاتتى. يەنە ئەگەر بۇنداق بولىدىغان بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دادا ھەرگىزمۇ ئەۋلاد قالدۇرالمايتتى.

ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرمەيدۇ، ئەمما ئىسپىرمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرۈشى مۇمكىن. ئىسپىرما ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەندە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، ئىسپېرما ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرلىشىشىگە ئەگىشەلمەيدۇ.

ئەر كىشى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال كىشىگە يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەر كىشى ۋىرۇسقا قارشى دورا يەپ ۋىرۇس مىقدارىنى تىزگىنلەپ داۋاملىق تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا باشتىن-ئاخىر توغرا ئۇسۇلدا گاندون ئىشلىتىشى كېرەك. بالىلىق بولۇشنى ئويلىغاندا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

بىز پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇشنى داۋاملىق كۈچەيتسەكلا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى تۈگىشى مۇمكىن. شۇڭا، دادىدىن بالىغا يۇقۇشنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. دېمەك، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دادا بالىسىنى يۈرەكلىك بىلەن باغرىغا باسسا، تاماق يېگۈزسە، بىللە ئوينىسا، بىللە ئۇخلىسا بالىسىغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قالمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى