تەبىئەت

برازىلىيە ياغىچى

بىرازىليە ياغىچى 80- يىللاردىن كېيىن جۇڭگوغا كىرگەن بولۇپ، ھازىر ئەتىۋارلاپ بېقىلىدىغان ئېسل مەنزىرە دەرەخ سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

بىرازىليەىيە ياغىچىنىڭ يىلتىز قىسمى تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى ئاسان كۆكلەيدۇ، دائىم ياپيېشىل تۇرىدۇ. يوپۇرماقلىرى تەكشى، غولى تۈپتۈز ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 40 ~ 90 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 6 ~ 10 سانتېمېتىر بولۇپ، ئوچۇق يېشىل يوپۇرماقنىڭ يۈزىدە سېرىق ياكى سۈت رەڭلىك يوپۇرماق تومۇرى بولىدۇ.

بىرازىليە ياغىچى جەنۇبى ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمى ۋە خاس دەرەخ شەكلى بولۇپ، بىرازىليەىيە دەل مۇشۇ دەرەخنىڭ نامى بىلەن بىرازىليەىيە دەپ ئاتالغان. بىرازىليە ياغىچى تروپىك بەلۋاغ رايونىدىكى قۇمساڭغۇ ھاۋا ئۆتۈشىدىغان تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن بولغاچقا يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئىسسق ۋە نەم ھاۋادا، يېرىم قۇرغاق شالاڭ تۇپراق مۇھىتىدا ياخشى ئۆسىدۇ. كۈن نۇرى ۋە قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

بىرازىليەىيە دەرىخى بىر يىلدىكى 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆسەلەيدۇ. ئەمما غەيرى تىروپىك بەلباغدا ئۆستۈرۈلۈش توغرا كەلسە قىش پەسىلىدە ئەڭ ياخشىسى 13 سېلىتسىيە گرادۇستا ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. تېمپۇراتۇرا بەكلا تۆۋەنلەپ كەتسە يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ كېتىدۇ. ئۆيگە قويغان ۋاقتىمىزدا كۈن نۇرى كۈچلۈك جايغا قويۇش كېرەك.

بىرازىليە ياغىچىنى كۆپ بولغاندا ھەپتىدە 1 قېتىم سۇغۇرۇش، سۇنى بەك جىق قۇيماسلىق، تۇپراقنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ۋە نەملېكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سۇغۇرۇش، يىلتىز قىسمىغا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىشىغا كېرەك.

برازىلىيە ياغىچى مەنزىرىسى خېلى مودا بولغان ئىچى چوڭ تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن گۈل-گىياھ دەرىخى بولۇپ، بولۇپمۇ بىر قەدەر كەڭ، چوڭ بولغان مېھمانخانا، كىتابخانا، ئادەتتىكى كۈندۈزلۈك ئۆيلەرنىڭ ئىچىگە قويۇلغان نەپىس، ئاددىيلىق، ھەمدە ئىللىق كەيپىيات تۈسىنى ئالغان. برازىلىيە ياغىچى بىر خىل تۈپ شەكلى چىرايلىق، رەتلىك،, دۇنياغا داڭلىق يېڭى بىر ئەۋلاد مەنزىرە يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈك. 

برازىلىيە ياغىچىنىڭ ئەسلى ماكانى ئافرىقا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. جۇڭگونىڭ يۈننەن، گۇاڭشى، خەينەن ئارىلى ۋە تايلاند. لائوس، كامبودژ، ھىندونېزىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسى، گۋىنىيە، ئېفىئوپىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرى قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان.com/#quote1″>


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى