تەبىئەت

ياۋا كەپتەر

كەپتەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ دائىم ئۇچرايدىغىنى ئۆي كەپتىرى، ئۇنىڭ ئوخشاش تۈرى بولغان ياۋا كەپتەر ئاساسلىقى ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان.

ياۋا كەپتەر تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 295-360 مىللىمىتېر، باش، بويۇن، كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسىملىرى تاشقا ئوخشاش كۈلرەڭ دۈمبىسىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە ئالدى كۆكرەك قىسمى يېشىل، بىنەپشە رەڭلەردە يالتىراپ تۇرىدۇ. قانتىدا قارا رەڭلىك توغرىسىغا كەلگەن داغلار بار بولۇپ، ئۈستى دۈمبە قىسمى سۈس كۈلرەڭ قۇيرۇق قىسمى قېنىق كۈلرەڭ، پۇتلىرى قىزىل رەڭدە ئەركەك ۋە چىشىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. مىجەزى مۇلايىم، كۆكرىكىنى كېرىپ ماڭىدۇ. ئۇچۇشقا ئىنتايىن ماھىر. 

ياۋا كەپتەر كۈندۈزى تۇخۇم باسىدۇ، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 14 كۈندىن 19 كۈنگىچە بولۇپ، بالىلىرىنى كەپتەر سۈتسىمان سۇيۇقلۇق ئارقىلىق باقىدۇ. بالىلىرى تۇمشۇقىنى ئانا كەپتەرنىڭ ئېغزىغا سېلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىدۇ.

كەپتەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ دائىم ئۇچرايدىغىنى ئۆي كەپتىرى، ئۇنىڭ ئوخشاش تۈرى بولغان ياۋا كەپتەر ئاساسلىقى ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ جوڭگودا ئاساسلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ شىمالى، غەربى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ياۋا كەپتەرنىڭ ئالاھىدە بولغان ئۇچۇش ماھارىتى ۋە ئۆز ئۇۋىسىنى تېپىپ كېلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كىشلەر ئۇلارغا خەت-چەك توشۇش ئىشلىرىنى قىلدۇرىدۇ. ياۋا كەپتەر يەنە تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى