تەبىئەت

قارا تېرەك

قارا تېرەك يەنە سۇۋادان تېرەك دەپمۇ ئ‍اتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تېرەك تېرەك تۈرلىرى ئ‍ىچىدىكى ئ‍ەڭ تۈز، ئ‍ېگىز ئ‍ۆسىدىغان، شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولغان تېرەك تۈرلىرىنىڭ بىرى.

قارا تېرەك يەنە سۇۋادان تېرەك دەپمۇ ئ‍اتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تېرەك تېرەك تۈرلىرى ئ‍ىچىدىكى ئ‍ەڭ تۈز، ئ‍ېگىز ئ‍ۆسىدىغان، شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولغان تېرەك تۈرلىرىنىڭ بىرى. قارا تېرەك ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز ئ‍ۆسكەندە 40 مېتىر ئ‍ەتراپىدا ئ‍ۆسىدۇ. غولى ياكى شاخلىرى بولسۇن قەلەمنىڭ سېپىدەك تۈز ئ‍ۆسىدۇ. غولىنىڭ قوۋزاق، يۇپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قارىغا مايىل كۆكۈش بولىدۇ. شۇڭا قارا تېرەك دەپ ئ‍اتالغان. قارا تېرەكنىڭ غازىڭى چوڭ، ئ‍ېگىزگە قاراپ ئ‍ۆسىدۇ. قارا تېرەكنىڭ تۈۋىدە ۋە ئ‍وتتۇرا قىسمىدا يان شاخلىرى بولمايدۇ، ئ‍ېگىزلىگەنسىرى ھەر بىر مېتىر ئ‍ەتراپىدا بىر تال يان شاخلىرى بولىدۇ. يان شاخلىرىمۇ ئ‍ېگىزگە قاراپ تىك ئ‍ۆسىدۇ.

قارا تېرەكنى قەلەمچە قىلىپ ئ‍ۆستۈرسە ئ‍ەڭ ياخشى ئ‍ۆسىدۇ. بىر يىللىق بولغان شېخىنى كېسىپ ئ‍ېلۋىلىپ ، 20 سانتىمېتىر ئ‍ەتراپىدا قىلىپ توغراپ قىشتا ئ‍ورەككە كۆمۈپ توڭلىتىۋەتسە  ناھايىتى ياخشى تۇرىدۇ. ئ‍ەتيازدا ئ‍ېتىزغا تىكىپ ئ‍ۇستىدىن سۇغۇرۋەتسە بىر يازدا بىر مېتىر ئ‍ەتراپىدا كۆكلەيدۇ. كېلەر يىلى ئ‍ەتيازدا ئ‍الدىنقى يىلى كۆكلىگەن شېخىنى تۈۋىدىن كېسۋەتسە ئ‍ىككىنچى يىلى تۆت مېتىر ئ‍ەتراپىدا ئ‍ۆسىدۇ. 

قارا تېرەك 30 يىل ئ‍ەتراپىدا ناھايىتى ياخشى ياغاچ ئماتىريالى بولىدۇ. ئ‍ۆيگە لىم قىلىشقىمۇ، ئ‍ۆي جاھازىلىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. ياغاچنىڭ رەڭگى ئ‍اق، سۈزۈك، يۈزى تەكشى، سۈپەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق ئ‍ۇرۇندا بىمالال ئ‍ىشلەتكىلى بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى